Uyghur←Chinese主要词典
يۇنوكاۋا خىدېكى
دۇنيا تارىخى
汤川秀树
tāng chuān xiù shù
(1907 - 1981) ياپونىيىلىك فىزىك. توكيودا تۇغۇلغان.ئەسلى ئىسمى ئۇگاۋا. 1929 - يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا لىكتورلۇق قىلغان. 1939 - يىلدىن باشلاپ كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1942 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى قۇشۇمچە ئۆتىگەن. 1948 - يىلى پرىنسېتون ئالىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ چەتتىن قاتناشقۇچى پروفېسسورى بولۇپ ئامېرىكىغا بارغان. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1953 - يىلى ياپونىيىگە قايتىپ كېلىپ، كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىي فىزىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان (1970 - يىلى خىزمەتتىن چېكىنگەن). ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئاتوم يادروسى، كۋانت مەيدانى نەزەرىيىسى، ئاساسىي زەررىچىنىڭ ئۆز ئارا رولى قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1935 - يىلى يادرو كۈچى - مېزوترون نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1947 - يلى ئالدىم نۇرى تەتقىقاتىدا تۇراقلىق قىممىتى مېزوننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. 1949 - يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1946 - يىلى خەلقئارالىق ژۇرنال <نەزەرىيە فىزىكا ئىلىمىي تەتقىقاتى> ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلغان ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ <كۋانت مېخانىكىسىغا كىرىش سۆز>، <يۇنوكاۋا خىدېكى تاللانما ئەسەرلىرى> (بەش توملۇق) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.