Uyghur主要词典
يۇنگ پىلانى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غالىب بولغان دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىدىن تۆلەم ئېلىشىنى بەلگىلەش پىلانى. 1929 - يىلنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيە مالىيەسىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، <داۋېس پىلانى> نى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى جاكارلىغان. 2 - ئايدا ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ گېرمانىيىدىن تۆلەم ئېلىش كومىسسىيىسىنىڭ پارىژ يىغىنىدا، يىغىن رەئىسى، ئامېرىكا ۋەكىلى يۇنگ <داۋېس پىلانى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى قويۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىنىڭ تۆلەم پۇل تۆلەش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى بېكىتكەن، بۇ تارىختا <يۇنگ پىلانى> دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: گېرمانىيە تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلنىڭ ئومۇمىي سانى قىسقارتىلىپ 113 مىليارد 905 مىليون 30 مىڭ مارك قىلىنىپ، بۇنى 58 يىل يەتتە ئاي مۇددەت ئىچىدە تۆلەپ بولۇش؛ ئاۋۋال دەسلەپكى 36 يىل يەتتە ئاي ئىچىدە يىلىغا ئوتتۇرىچە 2 مىليارد 50 مىليون مارك تۆلەش، كېيىنكى 22 يىل ئىچىدە، يىلىغا 1 مىليارد 607 مىليون ماركتىن 1 مىليارد 171 مىليون ماركقىچە تۆلەش. يىلىغا تاپشۇرىدىغان ئومۇمى پۇلنىڭ 1/3 قىمسىنى شەرتسىز تاپشۇرۇش، قالغان قىمىسىنى ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ تۆلەش؛ بۇنىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى 5.5 پىرسەنت قىلىپ بېكىتىش؛ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت، كېيىنكى 22 يىل ئىچىدە گېرمانىيە تاپشۇرغان ئۆسۈم پۇل بىلەن خەلقئارا ئېنىقلاش بانكىسى تەسىس قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتكە تۆلەيدىغان پۇلنى تۆت دۆلەتنىڭ ئامېرىكىدىن ئالغان ئۇرۇش قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ھېسابىغا ۋاقتىدا ئامېرىكىغا تاپشۇرۇش. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ ئىگىلىكى تېخىمۇ بەتتەرلەشكەن. 1932 - يىلىدىكى غالىب بولغان دۆلەتلەرنىڭ لوزاننا يىغىنى، بۇ پىلان بويىچە گېرمانىيە تۆلىمەكچى بولغان تۆلەم پۇلنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن.