Uyghur←Chinese主要词典
يۇنان
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
gǔ xī là
古希腊
دۇنيا تارىخى
希腊
xī là
بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي، ئېگېي دېڭىزى ئاراللىرى ۋە كىچىك ئاسىيا دېڭىز بويىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ نامى. قەدىمكى گرېكلار بۇ رايونغا تارقالغان ۋە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىرمۇنچە شەھەر دۆلەتلىرى (شەھەر ئىتتىپاقى) نى بەرپاقىلغان. بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئۆزى (گرېتسىيە يېرىم ئارىلى) دىكى زېمىنى تەبىئىي ئەھۋالغا قاراپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: شىمالىي قىسمى فىسالىيە ۋە ئىپروسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئوتتۇرا قىسمى ئىتولىيە، بېئوتىيە، ئانتىكا قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەنۇبىي قىسمى پېلوپوننېس دەپ ئاتىلىپ، ئاركادىيە، مېسنىيە، لاكونىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېگېي دېڭىزىدا چوڭ - كىچىك جەمئىي 400 دىن كۆپرەك ئارال بولۇپ، كىچىك ئاسىيا قىرغاقلىرى ئىئولىيە ۋە ئىئونىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئاھالىلەر پېلاسگىلار دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا شىمالىي تەرەپتىن ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ جايغا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، بۇلار كېيىن ئاخىيلار، ئىئونىيلار، ئىئولىيلار ۋە دوريانىلار دەپ ئاتالغان. ئۇلار قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى (بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللار ۋە كىچىك ئاسىياغا تارقالغان) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 3000 - 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللىرىدىكى كرىت مەدەنىيىتى - برونزا مەدەنىيىتىگە تەۋە مەدەنىيەت. ئالدىنقىسى ئاۋۋال كرىت ئارىلىغا كىرگەن غەيرىي يۇنان تىلىدىكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئۆپچۆرىسىدە دۆلەت قۇرۇشقا باشلاپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؛ كېيىنكىسى يۇنان تىلىدىكى ئاخىيلار ياراتقان بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە دۆلەت قۇرۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. دوريانىلارنىڭ جەنۇبقا قاراپ كۆچۈشى بىلەن، قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تۈزۈم يۇناندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ - Ⅺ ئەسىردىكى گومېر دەۋرىدە يۇناندا ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە قاراپ يۈز تۇتۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قاراپ ئۆتۈشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅷ ئەسىرلەردە تۆمۈر قوراللار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى باي - كەمبەغەلگە بۆلۈنۈشنى تېزلەتكەن. ئاخىر سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ تىكلىنىشىگە ئېلىپ كەلگەن. تۈركۈم - تۈركۈم قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن؛ نۇرغۇن شەھەر دۆلەتلىرى كولونىيە (ئاھالە كۆچۈرۈش) چىلىكىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ھەمدە قارا دېڭىز بويلىرى ئەتراپىدا بىر تۈركۈم كولونىيىلىك شەھەرلىرىنى قۇرۇپ، رايونلار ئارا مال ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان. جەنۇبىي يۇناندىكى سپارتادا ئاقسۆڭەك ئولگارخلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشقا شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سپارتانى باش قىلغا پېلوپوننېس ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. ئوتتۇرا يۇناننىڭ ئانتىكا رايونىدىكى ئافىنادا ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش داۋامىدا، سولون ۋە كلىستېننىڭ بىر قاتار ئىسلاھاتلىرى ئارقىلىق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى قۇلدارلارنىڭ دېموكراتىك سىياسىتى شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى پېرسىيىنىڭ تاجاۋۇزى (يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى) نى مەغلۇپ قىلىپ، ئافىنا باشچىلىقىدا دېلوس ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان؛ بۇ ئىتتىپاق ئافىنانىڭ دېڭىزدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئاخىر بېرىپ ئافىنانىڭ باشقا ئاجىز ئىتتىپاقچى شەھەر دۆلەتلىرىن باستۇرۇشىدىكى قورالىغا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە يۇنان قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى، بولۇپمۇ قول سانائىتى بىلەن سودىسى (ئىچكى - تاشقى سودىسى) جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، دېموكراتىك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىمۇ گۈللەپ - ياشنىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت ۋە سپارتا بىلەن ئافىنا ئوتتۇرىسىدا گرېتسىيىگە بولغان زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى سپارتا بىلەن ئافىنا ئۇرۇش (پېلوپوننېس ئۇرۇشى) قىلغان. باشقا كۆپلىگەن شەھەر دۆلەتلىرىمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئېغىر ۋەيرانىچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ئۇرۇش ئافىنانىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىپ، دېلوس ئىتتىپاقىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئومۇميۈزلۈك كرىزىسنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئافىنا بىلەن سپارتا داۋاملىق ئۇرۇشۇپ تۇرغان. پېرسىيە پادىشاھى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گرېتسىيىنىڭ ئىكچى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان؛ بۇ مەزگىلدە تىببېس (ئوتتۇرا گرېتسىيىنىڭ بىئوتىيىدە) بىر مەھەل باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، سپارتاغا قاتتىق زەربە بەرگەن. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن خېرونېيە جېڭىدە يۇنان مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۇنان شىمالدىكى قوشنىسى بولغان ماكىدونىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ماكىدونىيىلىك ئالېكساندرنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى بىلەن يۇنانلىشىشى دەۋرى (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى مىسىر رىم تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىغىچە بولغان ۋاقىت) گە قەدەم قويغان؛ بۇ مەزگىلدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. ئالېكساندرىيە (مىسىردىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرى) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى سودا - سانائەت ۋە ئىلىم - پەن، مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرى يۇناننىڭ ئۆزىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى رايون خاراكتىرلىك ئىتتىپاق - ئىتولىيە ئىتتىپاقى (ئوتتۇرا يۇناندا) بىلەن ئاخىيە ئىتتىپاقى (جەنۇبىي يۇناندا) تەشكىل قىلىنىپ، ماكىدونىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قالماقچى بولغان، بىراق يۇناننى زاۋاللىقتىن ساقلاپ قالالمىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رىم كەڭ كۆلەمدە شەرققە قاراپ كېڭىيىپ، مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى، ماكىدونىيە پادىشاھلىقىنى ئىستېلا قىلغان، يۇنان مەغلۇپ بولغان، مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى، كورىنتوس قولدىن كېتىپ، ئاخىر گرېتسىيە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى راۋاجلانغان شەھەر دۆلەتلىرى (ئافىنانى ئاساس قىلغان)، قۇللۇق تۈزۈمى ئاساسىدىكى مول، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ياراتقان. رىۋايەت - ئەپسانە، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم - پەن، پەلسەپە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن قەدىمكى رىم دۇنياسى ۋە كېيىنكى ياۋروپاغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. <يۇنان مەدەنىيىتى قەدىمكى زامان> غا قاراڭ.
تارىخ
希腊
xī là