Uyghur主要词典
يۇلغۇن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ يۇلغۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، يۇلغۇنغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك
دەرەخ بولۇپ، كۆپىنچە ئۈچ مېتىردىن بەش مېتىرغىچە ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ، شاخچىلىرى ئىنچىكە ئاجىز كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى
تەڭگىسىمان، زىچ تىزىلغان بولۇپ، گۈلى ھال رەڭدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىق شاخلىرى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى گۈللەشتىن بۇرۇن يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، توغراپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى، قۇملۇقنىڭ
چەتلىرى ۋە شورلۇق جاڭگاللاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
تاش بەدەندىكى ئىللەتلەرنى تارقىتىش، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزۈش، سۈيدۈك ھەيدەش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
30 گرام يۇلغۇن مېۋىسىنى 400 گرام سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىپ، دۆ چاققان
زەھەرنى قايتۇرۇپ، قوتۇر چاقىنى يوقىتىدۇ.
يۇلغۇن مېۋىسىنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يۆتەل، جىگەر ۋە ئىچ ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى
قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۇلغۇن مېۋىسىنىڭ سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىشقا قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىشنىڭ تۈۋىلىرىنى چىڭىتىدۇ.
يولغۇن مېۋىسىنى بىر كېچە - كۈندۈز سۇغا چىلاپ ياكى قاينىتىپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كىرپىكلەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزگە چۈشىدىغان
ماددىلارنى توسۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كۆز ياشاڭغىراش، كۆز جىيەكلىرىنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ قېلىشى ۋە قىچىشىشى قاتارلىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۇلغۇن مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ ئېغىزىدىن كېلىدىغان قان ۋە سوزۇلما ئىچى سۈرۈشنى توختىتىپ،
ئۆپكىنىڭ جاراھىتىنى ياخشىلايدۇ.
يۇلغۇن مېۋىسىنى يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، جاراھەتلەرنىڭ ئارتۇق گۆشىنى يوقىتىدۇ.
يۇلغۇن مېۋىسىنى يۇمشاق ئىزىپ يۈزىگە چېپىپ بەرسە، يۈزنىڭ رەڭگىنى جۇلالاندۇرىدۇ؛ بالىياتقۇ ئاغزىغا قويسا، ھۆللۈكنى قۇرىتىدۇ.
يۇلغۇن مېۋىسىنى سۇ ۋە سىركىدە قاينىتىپ ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، تال كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۇلغۇندىن 12 گرام، يالپۇزدىن سەككىز گرام، چاكاندىدىن 5.3 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ.
يۇلغۇندىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام يۇلغۇننى 10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، ئۈچ پارچە خام زەنجىۋىل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۇلغۇندىن 12 گرام، كىرەشتىن 10 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تېرە قىچىشىشقا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
يۇلغۇن ۋە كىرەشتىن 12 گرامدىن ئېلىپ، بۇنىڭغا تۆت گرام خام چۈچۈكبۇيا قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە،
قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
يۇلغۇن ئېگىزلىكى4 −5 مېتىر كېلىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، شاخلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم يۇمشاق بولۇپ، كۆپىنچە ساڭگىلاپ سۆگەت (مەجنۇنتال)كە ئوخشاپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە يۇلغۇن بىلەن سۆگەت (تال) لەر بىر تىپتىكىلەردىن ئەمەس. يۇلغۇن يۇلغۇن ئائىلىسىگە كىرىدىغان، چۆل - باياۋانلاردا، دەريا ساھىللىرىدا ياكى شورلۇق يەر قاتارلىق ناچار، يامان مۇھىتلاردا ئۆسىدىغان قەيسەر ئۆسۈملۈك.
يۇلغۇننىڭ كونا شاخلىرى قىزىل سۆسۈن ياكى سۇس قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. ناچار مۇھىتتا ياشايدىغان بولغاچقا، يوپۇرماقلىرى ناھايىتى كىچىكلەپ، تەڭگىچىگە ئوخشاش يوپۇرماققا ئايلىنىپ يۇلغۇن شاخلىرىدا زىچ بولۇپ ئۆسىدۇ، ھەربىر يوپۇرمىقى پەقەت1 ~3 مىللىمېتىرلا كېلىدۇ. يېشىل رەڭلىك يۇمران نوتىلىرىنىڭ ئۇچى قىسمىدا كونۇس شەكىللىك گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ، گۈلى كىچىك ھەم زىچ، ھال رەڭ بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق. يۇلغۇننىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ھەر يىلى ماي ئېيىدىن سېنتەبىرگىچە توختىماي يېڭى گۈل رېتىلىرى ئۆسۈپ چىقىپ تۇرىدۇ، كونا گۈللىرى توزۇپ كەتسە، يېڭى گۈللىرى يەنە ئېچىلىۋېرىدۇ. نەچچە ئاي ئىچىدە، ئۈچ چېچەكلەپ ئۈچ توزۇپ، ئۈزۈلمەي ئۇلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، يەرلىكلەر »ئۈچ باھارلىق سۆگەت« دېيىشىدۇ.
يۇلغۇن قۇرغاق چۆللەردە ياشاشقا ئەڭ ماسلىشالايدىغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يىلتىزى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىنى سۈمۈرەلەيدۇ، ئۇزۇنلىرى نەچچە ئون مېتىرغا يېتىدۇ. يۇلغۇن يەنە قۇمغا كۆمۈلۈپ قېلىشتىن قورقمايدۇ، ئاقما قۇملارغا كۆمۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، يۇلغۇن شاخلىرى قەيسەرلىك بىلەن قۇم بارخانىلىرىدىن بېشىنى چىقىرىپ، داۋاملىق ئۆسۈۋېرىدۇ. شۇڭا، يۇلغۇن شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ئەلا سۈپەتلىك دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
يۇلغۇننىڭ يەنە شورغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تەركىبىدىكى شور - تۇزلار مىقدارى % 0.5 −% 1 بولغان شور يەرلەردە ئۆسەلەيدۇ. شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشتىكى ئەلا دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
يۇلغۇننىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدۇ. ئۇنى كۆپەيتىش ۋە ئۆستۈرۈشمۇ ئاسان بولۇپ، كۆكەرتىشتە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يۇلغۇننىڭ كونا شاخلىرى يۇمشاق، ئەۋرىشىم، زەمبىل - سېۋەت توقۇشقا بولىدۇ. يۇمران نوتىلىرى بىلەن يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ. يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
يۇلغۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. كونا شاخلىرى قىزىل، مېۋىسى غوزىلىق مېۋە. ئۇرۇقىدا تۈكلىرى بار. شىنجاڭدا ئۇنىڭ توققۇز خىل تۈرى بولۇپ، شور ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق كېلىدۇ، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى يۇقىرى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
يۇلغۇندەك چىداملىق، بەردەم كىشى.