Uyghur主要词典
يۈز كىشىلىك پرولېتارلار ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
1923 - يىلى گېرمانىيە ئىنقىلابى دولقۇنىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ جەڭگىۋار تەشكىلاتى. 1923 - يىلنىڭ باشلىرىدا بېرلىن ئىنقىلابىي ماستىرلار كومىېتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان، كېيىن پۈتۈن دۆلەتتە تەرەققىي قىلىپ 800 نەچچىگە، ئادەم سانى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇ گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپ ئىشچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان. رور، تورىنگېر، ساكسونىيە قاتارلىق سانائەت رايونلىرىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەردە، ئەكسىيەتچىلەر ۋە فاشىست ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئىشچىلار يىغىلىشلىرى، نامايىشلار، ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىلغار گېزىت - ژۇرناللارنىڭ نەشر قىلىنىشىنى قوغدىغان. ئىنقىلابىي ھەرىكەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1924 - يىل ئۇنىڭ ئاساسىدا قىزىل جەڭچىلەر ئىتتىپاقى تەشكىللەنگەن.