Uyghur←Chinese主要词典
يۈز يىللىق ئۇرۇش
دۇنيا تارىخى
百年战争
bǎi nián zhàn zhēng
1337 - 1453 - يىللىرى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش 100 يىل داۋاملاشقانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىككى دۆلەت خان جەمەتىنىڭ باي - ئاۋات فلاندرىيە ۋە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ دىن باشلاپ ئەنگلىيە فرانسىيە تەۋەلىكىدە ئىگىلىۋالغان زېمىننى تالىشىش يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان. 1328 - يىلى فرانسىيە كاپى خاندانلىقىنىڭ ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، تارماق جەمەت - ۋالۇئا جەمەتىدىن فىلىپ تەختكە ئولتۇرۇپ، فىلىپ Ⅵ دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد Ⅲ فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ نىڭ قىز تەرەپ نەۋرىسى سالاھىيىتى بىلەن فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تەمە قىلغان. نەتىجىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1337 - يىلى 11 - ئايدا ئەنگلىيە فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇرۇش جەريانىنى تۆت باسقۇچقا بۆلۈكە بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ (1337 - 1360). 1340 - يىلى 6 - ئايدا ئەنگلىيە سىلوس دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيە بوغۈزىنى كونترول قىلغان. 1346 - يىلى 8 - ئايدا كىرېسى ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى يەنە تارمار قىلغان، ئىككىنچى يىلى كالې پورتىنى ئىشغال قىلغان. 1356 - يىلى سېنتەبردىكى پۇياتې ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلىپ، فرانسىيە كورۇلى جون Ⅱ (ياخشى كىشى) نى ئەسىر ئالغان. 1360 - يىلى 5 - ئايدا فرانسىيە شاھزادىسى چارلېس ئەنگلىيە بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە مەجبور بولۇپ، <برېتىنى شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1364 - يىلى جون Ⅱ (ياخشى كىشى) لوندوندا تۈرمىدە ئۆلگەنلىكتىن، شاھزادە چارلېس تەختكە ئولتۇرۇپ، چارلېس Ⅴ دەپ ئاتالغان. ئۇ زور كۈچ بىلەن مالىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەسكەر ئېلىپ، پۇرسەت كۈتكەن. ئىككىنچى باسقۇچ (1369 - 1396). بۇ باسقۇچتا فرانسىيە ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، 1380 - يىلى چارلېس Ⅴ قازا تاپقان ۋاقىتقا كەلگەندە، قولدىن كەتكەن زور بىر قىسىم زېمىننى قايتۇرۇۋالغان بولۇپ، پەقەت دېڭىز بويىدىكى كالى قاتارلىق بەش شەھەرلا ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. 1396 - يىلى ئىككى تەرەپ 20 يىل ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئۈچىنچى باسقۇچ (1415 - 1420). بۇ باسقۇچتا فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، فرانسىيە ھۆكۈمرانلىرى سىنىپى ئورلېئان كىنەزى بىلەن بۇرگۇند كىنەزى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، ئىچكى جېدەل - ماجىرا يۈز بېرىپ، جېدەل - ماجىرادا يېڭىلگەن بۇرگۇند گۇرۇھى ئەنگلىيە تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن. 1415 - يىلى 8 - ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 10 - ئايدا ئازېنكۇر ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئارقىدىنلا تېزلىك بىلەن پارىژ ۋە لۇئار دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1420 - يىلى 5 - ئايدا ئىككى دۆلەت <ترويېس شەرتنامىسى> نى ئىزالىغان. تۆتىنچى باسقۇچ (1428 - 1453). بۇ باسقۇچتا ئەنگلىيە ئارمىيىسى 1428 - يىلى جەنۇبقا قاراپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، 10 - ئايدا فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈشتىكى دەرۋازىسى ئورلېئان شەھىرىنى قورشىۋالغان، فرانسىيە خەلقى قوزغىلىپ، جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئەنگلىيە قوشۇنىغا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1429 - يىلى 5 - ئايدا ئايال مىللىي قەھرىمان جېنناديارك قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئورلېئان شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەن، ئارقىدىن يەنە شىمالىدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەرنى قايتۇرۋالغان، 1435 - يىلى 9 - ئايدا بۇرگۇند كىنەزى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅶ گە ئىتائەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى يېڭىۋاشتىن بىرلەشكەن. 1453 - يىلى 10 - ئايدا، فرانسىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيە چېگرىسى ئىچىدە ئىگىلىۋالغان كالې پورتىدىن باشقا بارلىق زېمننى قايتۇرۋالغان. مۇشۇ چاغقا كەلگەندىلا، 100 يىللىق ئۇرۇش فرانسىيىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.