يۈزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم بېشىنىڭ كۆز، بۇرۇن، ئېغىز قاتارلىق ئەزالىرى ئورۇنلاشقان تەرىپى، ئالدى تەرىپى، باشنىڭ ئالدى تەرەپتىن كۆرۈنگەن قىسىمى:[مىسال:] ئۇ ھەر كۈنى ئاشۇ بۇلاق سۈيىدە يۈزىنى يۇيىدىكەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئابرۇي، ئىناۋەت، ھۆرمەت؛ ئىززەت:[مىسال:] ساڭا يۈز كېرەك ئەمەسمۇ نېمىشقا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمايسەن دەرھال تەكشۈرۈش ياز، دېدى ئۇ ۋارقىراپ.[يەشمىسى:] ③ قىياپەت، كۆرۈنۈش، ئومۇمەن كۆرگىلى بولىدىغان چىراي-تۇرۇق، گەۋدە، جىسىم:[مىسال:] ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىما، سۆزىگە قارا (ماقال).[يەشمىسى:] ④ كۆرسىتىلگەن شەخسنىڭ دەل ئۆزى ياكى دەل ئۆزى بار بولغان نەق مەيدان:[مىسال:] گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى، ئۈستى:[مىسال:] يەر يۈزى.*ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىك ياكى مەلۇم ماددىلارنىڭ سىرتىنىڭ كۆلىمى، دائىرىسى، چوڭ-كىچىكلىكى:[مىسال:] چەمبەرنىڭ يۈزى.[يەشمىسى:] ⑦ دەريا، ئۆستەڭ قاتارىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۇ ياكى بۇ تەرىپى، قېشى، قىرغىقى:[مىسال:] بىز بىر ئامال قىلىپ تاڭ ئاتقۇچە دەريانىڭ ئۇ يۈزىگە ئۆتۈۋالساق بولاتتى، دەيتتى ئۇ ئۇياق-بۇياق مېڭىۋېتىپ.[يەشمىسى:] ⑧ تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ تىغى:[مىسال:] پىچاقنىڭ يۈزى.[يەشمىسى:] ⑨ سەھىپە، بەت: —[مىسال:] ئۇ«بۇ ئەھۋالنى گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىمەن»دەيدۇ، دېدى ئالىم ئازابلىنىپ.