Uyghur主要词典
يۈسۈپ
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئىبرايچە
يۈسۈپجان
يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئسىمى، مەنىسى: كۆپەيتىلگەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىنجاڭدكى ئاق تاغلىق خوجا. چوڭ خوجا بۇرھانىددىننىڭ نەۋرىسى. سامساقنىڭ چوڭ ئوغلى. جاھانگىر خوجىنىڭ ئاكىسى. بۇرۇن بۇخارادا ئاخۇن بولغان. قوقان ھۆكۈمرانى 1830 - يىلى 5 - ئايدا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى قوقانغا تەكلىپ قىلدى. شۇ يىلى 9 - ئايدا قوقاندا 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، مىڭبېشى بەگ ھەققۇلى، خاننىڭ قېيىنئاتىسى ئىمىن لەشكەر ۋە ئەيسا، مۇسالارنىڭ قوماندانلىقىدا يۈسۈپنى ۋە قوقانغا بارغان قەشقەرلىك بېك بوباقلارنى ئېلىپ، تېرەك داۋان ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، چېگرا ساقلاۋاتقان ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ، كونا شەھەرنى ئىشغال قىلىپ، يېڭى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ ھەمدە ئەسكەر ئەۋەتىپ يېڭىسار، يەكەن ۋە سېرىق كۆلنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. 12 - ئايدا قوقان قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن خەۋەر تاپقان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى يېتىپ كەلگەندە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىۋاتقان قوقان قوشۇنى ئالاقزادە بولۇپ قاچىدۇ. ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا يۈسۈپ قوقاندا ۋاپات بولىدۇ.