Uyghur主要词典
يۈرىكىگە قول سېلىپ باقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: ئوي _ پىكىرىنى، پوزىتسىيىسىنى بىلىپ باقماق.
ھۈرنىساخان قىلغىلى قىلىق تاپالماي، گەپ ئەگىتىپ، قىزىنى چېكىپ باقتى. تومۇرىنى تۇتۇپ باقسام، يېقىن كېلىدىغاندەك ئەمەس، « ياق » دەپ تۇرۇۋالدى. قانداق ماقۇل دېدىمۇ، يۈرىكىگە قول سېلىپ باقمامسەن؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چېكىپ باقماق، خاھىشىنى، مەيلىنى بىلىپ باقماق.
- ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدۇ، ھەر ھالدا بۇ ئىشتا ئوغلىڭىزنىڭ يۈرىكىگە قول سېلىپ بېقىپ بىر نېمە دەڭ، - دېدى ئۇ شەرىپىخانغا.