Uyghur←Chinese主要词典
يۇدېنىچ
دۇنيا تارىخى
尤登尼奇
yóu dēng ní qí
(1862 - 1933) سوۋېت روسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كاتتىباشلاردىن بىرى. چارروسىيىنىڭ سابىق گېنېرالى. روسىيە - ياپون ئۇرۇشىغا قاتناشقان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كاپكاز جۈنتۇەننىڭ قوماندانى، كاپكاز فرونتىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن فىنلاندىيىگە قاچقان، كېيىن ئېستونىيىگە قېچىپ بارغان. 1919 - يىلى كولچاك تەرىپىدىن غەربىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى مايدىن ئاۋغۇستقىچە ۋە ئۆكتەبردىن نويابىرغىچە ئىككى نۆۋەت پېتروگرادقا ھۇجۇم قىلىپ، قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 1920 - يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق قارشى تۇرغان.