Uyghur←Chinese主要词典
يېشىل قەغەز پۇل
دۇنيا تارىخى
绿背纸币
lǜ bèi zhǐ bì
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارقاتقان قانۇنىي قەغەز پۇل؛ ئارقا تەرىپى يېشىل رەڭلىك بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھېچقانداق كاپالەت قىلغۇچى بۇيۇمى بولمىغان، ئالتۇن پۇلغا تېگىشكىلى بولمىغان؛ دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار سودىسىغا ئىشلەتكىلى بولغان، ئەمما چېگرا بېجى تاپشۇرۇشتا زايوم ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولمىغان. 1862 - يىلىدىن باشلاپ جەمئىي 550 مىليون دوللارغا يېقىن تارقىتىلغان. تارقىتىلغان سانى زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن، كۇرسى چوڭ ھەجىمدە تۆۋەنلىگەن. 1878 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئالتۇن پۇل ئارقىلىق 100 مىليون يۈەن يىغىۋېلىنغان، ئەمما قالغان قىسمى 1879 - يىلى تېگىشكىلى بولىدىغان قەغەز پۇل قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنگە قەدەر ئوبوروت بولغان.