Uyghur主要词典
يېشىل لايىھە
دۇنيا تارىخى
فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىش ھەربىي پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. گېرمانىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بلومبېرگ گىتلېرنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، 1937 - يىلى 6 - ئايدا، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، گىتلېر تەرىپىدىن تەستىقلانغان. گېرمانىيە 1938 - يىلى باھاردا ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى كېتېل بۇ لايىھە ھەققىدىكى يېڭى بۇيرۇقىنى تۈزۈپ چىققان، 5 ـ ئاينىڭ 30 - كۈنى گىتلېر تۈزىتىپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۈچ ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىغا ئەۋەتىلگەن. بۇيرۇقتا <يېقىن كەلگۈسىدە ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق چېخوسلوۋاكىيىنى تارمار قىلىش>؛ <ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەسى ئارقىلىق چاقماق شەكلىدە ھۇجۇم قوزغاش>، <تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتىن تولۇق پايدىلىنىش>؛ گېرمانىيە ئارمىيىسى چوقۇم 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن بېسىپ كىرىش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولۇش بەلگىلگەن. يەنە سىياسىي، دىپلوماتىيە ۋە تەشۋىقات قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەدبىرلەر ھەققىدە مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلغان.