Uyghur主要词典
يىرىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز، تەكشى ئەمەس.
سىلىق، سىپتا، نەپىس
تۈپتۈز، غىدىرى يوق، تەپتەكشى.
تېۋىپنىڭ قولى قانچە سىلىق بولسا، داۋاسى شۇنچە شىپالىق بولىدۇ. سىلىق سۆز تاشنى يارار. يىلاننىڭ تېشى سىلىق، ئىچى زەھەر. قولى سىپتىنىڭ ئىشى سىپتا. نەپىس ئىشلەنگەن ئىش ھۈنەرۋەننىڭ داڭقىنى ئاشۇرىدۇ. قوپال ئادەم قوپال ئىش قىلىدۇ. دوستۇڭدىن ئايرىلغۇڭ كەلمىسە، قوپال چاقچىقىڭنى قوي. يىرىك توقۇلغان ماتادىن سىپتا كۆڭلەك چىقماس. غۇدۇدۆڭ ئىشلەنگەن نەپىس ھېسابلانماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەجمى، ئۆلچىمى ياكى دانىچە دىئامېتىرى نىسبەتەن چوڭ؛ زور.
يىرىك قۇرۇلۇش. يىرىك گۈرۈچ. يىرىك قۇم.
كۆپ كىشىدىن تەركىب تاپقان، كۆپ سانلىق.
يىرىك قوشۇن. يىرىك تەشكىلات.
زور ماددىي كۈچ ۋە ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان، كۆلىمى كەڭ؛ كەڭ كۆلەملىك.
يىرىك سانائەت. يىرىك ئىگىلىك. يىرىك كارخانا. يىرىك خوجىلىق.
ئۆز ئىشى ۋە پائالىيىتى ياكى تەسىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن، شۆھرەت، ئابرۇي قازانغان؛ ئاتاقلىق، نوپۇزلۇق.
يىرىك ئالىم. يىرىك ئەسەر. يىرىك ئەدىب. يىرىك شائىر.
كۆچمە. تۈز، سىلىق بولمىغان، قوپال.
يىرىك تېرە. يىرىك تاختا. يىرىك قەغەز.
كۆچمە. تېخنىكىسى تۆۋەن، ئەمگەك سىجىللىقى بىرقەدەر يۇقىرى.
يىرىك ئىش. يىرىك ئەمگەك. يىرىك مەشغۇلات. يىرىك ئىشلەپچىقىرىش.