Uyghur主要词典
يېڭى رېين گېزىتى
دۇنيا تارىخى
تولۇق نامى. <يېڭى رېيىن گېزىتى، دېموكراتىيىچىلەرنىڭ ئورگان گېزىتى>. دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر چىقىرىلغان ماركسىزملىق گېزىت. 1848 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كىيولىندا رەسىمى تارقالغان. ماركس باش تەھرىر بولغان، ئېنگېلس بۇ گېزىت ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم ماقالە ۋە باش ماقالىلەرنى يېزىپ بەرگەن. بۇ گېزىت گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئېنگېلس ئۇنى <ئىنقىلابىي يىللاردا گېرمانىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر گېزىتى بولۇپ قالغان> دېگەنىدى. لېنىنمۇ ئۇنى <ئىنقىلابىي پرولېتارىياتنىڭ ئەڭ ياخشى ئورگان گېزىتىدۇر> دېگەنىدى. شۇڭا بۇ گېزىت پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرغان. 1849 - يىلى 5 - ئايدا، ماركس پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، باشقا تەھرىرلەرمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قىزىل بوياق بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر سان چىقارغاندىن كېيىن نەشىردىن توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان.