Uyghur主要词典
يىقىتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى - تۆۋەن، ئالدى - ئارقا ئالماشماق، ئۆرە تۇرغان ھالەتنى تەتۈر قىلماق.
چاپساڭ ئېگىز دەرەخمۇ ئۆرۈلىدۇ. خەلق قوزغالسا، خاننى تەختتىن غۇلىتىدۇ. كىچىك پالتىمۇ چوڭ دەرەخنى يىقىتالايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۈچ بىلەن ئۇرۇپ، تۈرتۈپ غۇلاتماق، ياتقۇزۇپ قويماق.
مىركېرەم ئۇنى يىقىتىپ قىلىچ سانجىدى.
بۇزماق، ۋەيران قىلماق، ئۆرۈۋەتمەك، چۇۋۇپ تاشلىماق.
ئۆي يىقىتماق.
دەل - دەرەخ، زىرائەت قاتارلىقلارنى كېسىش، ئورۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن يەرگە ياتقۇزماق، يەرگە غۇلاتماق.
ئۇلار ئۈچ كۈندىلا پۈتۈن بىر مەيدان يەرنىڭ بۇغدىيىنى يىقىتىپ بولدى.
كۆچمە. ھوقۇقنى ئېلىپ تاشلىماق، ئەمەل - مەنسىپىدىن چۈشۈرمەك.
ئۇ مېنىڭ قابىل ئىكەنلىكىمنى كۆرەلمەي، مېنى يېقىتماقچى.
ھالىدىن كەتكۈزمەك، روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە بېرىپ بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماق، ماغدۇرسىزلاندۇرماق.
ئۈستى - ئۈستىلەپ كەلگەن روھىي - ئازاب رەھىم سايىتنى يىقىتتى.
كۆچمە. يوقاتماق، ئۆلتۈرمەك.
ئۇ ئوقياسى بىلەن تۆت چېرىكنى يىقىتتى.
ئۇلار بىر قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى يىقىتتى.
كۆچمە. زىيانغا ئۇچراتماق؛ پۇل خەجلەشكە مەجبۇر قىلماق.
- مېنى يىقىتتىلا - دە، - ئابلىز خۇشخۇي كۈلۈمسىرىدى، - بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي، قېنى كىلىڭلار.