Uyghur←Chinese主要词典
يېقىنقى زامان
领域: ئۇنىۋېرسالjìn dài
近代
ئۇنىۋېرسال,قانۇنشۇناسلىق
近代
jìn dài
领域: دۇنيا تارىخى近代
jìn dài
يەنى كاپىتالىزم دەۋرى (كۆپرەك ياۋروپا كۆزدە تۇتۇلىدۇ). تارىخشۇناسلىقتا ئادەتتە 1640 - يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن باشلىنىپ، 9171 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. نېدىرلاندىيە ئىنقىلابى ياكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى باشلىنىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار. ياۋروپا - ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرى ئىچىدە يەنە <ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى> ياكى <جۇغراپىيىۋى ئۇلۇغ كەشپىيات> قاتارلىقلارنى باشلىنىش قىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلايدىغانلىرىمۇ بار. يېقىنقى زامان تارىخى ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ: كاپىتالىزمنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبە قىلىش دەۋرى. بۇ، 1640 - يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن تارتىپ 1871 - يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابى ھارپىسىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ جاھانگىرلىكنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى. بۇ، 1871 - يىلىدىكى پارىژ كوممۇنا ئىنقىلابىدىن تارتىپ، 1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تارىخىدا يېقىنقى زامان ئادەتتە 1840 - يىلىدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن تارتىپ، 1919 - يىلىدىكى <4 - ماي> ھەرىكىتى ھارپىسىغىچە بولغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.
例句
يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخى ھەققىدە كىتاب يېزىۋاتىمەن.
翻译: 我正在写一本关于近代新疆历史的书。
ئادەتتە باشقا بىر دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قوللىنىلىدۇ.
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىزامان، ماكان
زامان
(1)ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى بىلەن بىگىز بارمىقىنى قىسىپ تۇتۇپ ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئارىلىقى يېقىن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. (2) <قەدىمكى زامان> دېگەن سۆزنىڭ قول ئىشارىتىنىڭ (2) سىگە ئوخشاش.
近代
jìn dài
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。