Uyghur主要词典
يېقىنلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ يېنىغا يېقىن بارماق، يېقىن كەلمەك، ئالدىغا ياكى يېنىغا يېقىنلاپ كەلمەك.
- ئۇ خالتىنى سۆرەپ غۇلامغا يېقىنلاشتى.
مەلۇم بىر ۋاقىتقا، مەزگىلگە يېتىشكە ئاز قالماق، ۋاقىت جەھەتتىن يېقىن كەلمەك، ئاز ۋاقىت قالماق.
ۋاقىت چۈشكە يېقىنلىشىپ قالغانىدى.
مىقدارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، شۇ مىقدارغا تەڭ بولۇشقا، ئۇنىڭغا يېتىشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ ئانار بىلەن توي قىلىۋالغىنىغا يېرىم يىلغا يېقىنلاشتى.
بىرەر ئىشنى بېجىرىشكە، مۇرەسسە قىلىشقا ئاز قالماق؛ پىكىر - مەقسەت، كۆز قاراش جەھەتتە بىر يەرگە كېلىشكە ئاز قالماق.
بۇ مۇھىم نۇقتىلاردا ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش يوللىرى تولىمۇ يېقىنلاشقانىدى.
دوستانە مۇناسىۋەتتە بولماق، قويۇق ئالاقە قىلىشىپ تۇرماق، دوستلاشماق، سىرداشلاردىن بولماق.
ئۇلار بىر ئۆرۈلۈپلا ھەنىپەمنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن يېقىنلاشتى ۋە ھەنىپەمنى ماڭا تونۇشتۇردى.