Uyghur主要词典
يېقىملىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ھەققىدە گەپ - سۆزى، ئىش - ھەرىكىتى سىلىق، مۇئامىلىسى ياخشى.
ئۇ - ئوماق بالا. يېقىملىق سۆز تاشنى يارار. ئەلتەك ھەممىنى خۇش قىلىدۇ. مۇلايىم مۈشۈكنى چاشقان تۇتقاندا كۆر. مۇنايىم جاۋاب غەزەبنى باسار. مېھرىنىسا مېھرى ئىسسىق قىز ئىكەن. ئادەم گۈزەل بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزۈل. ئالەمدە ئەخلاقلىق ئايالدىن سۆيۈملۈك نەرسە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان، زوقىنى كەلتۈرىدىغان، مېھرى ئىسسىق؛ چىقىشقاق، خۇشخۇي، ئوچۇق چىراي.
مەن گۈلپىيەنىڭ بۇنچىلىك يېقىملىق چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!
قۇلاققا يېقىشلىق، تاتلىق، مۇڭلۇق ھەم تەسىرلىك؛ كىشىگە ھۇزۇر، زوق بېغىشلايدىغان (تۈرلۈك ئاۋازلار ھەققىدە).
ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىملىق نەي ئاۋازى ئاڭلاندى.
سالقىن، ساپ، كىشىگە ھۇزۇر - ھالاۋەت، راھەت بەخش ئېتىدىغان (ھاۋا، شامال قاتارلىقلار ھەققىدە).
سەھەرنىڭ يېقىملىق ھاۋاسى كىشىنى سۆيۈندۈرۈتتى.