Uyghur←Chinese主要词典
يىپسىمان يېزىق
تارىخ
线形文字
xiàn xíng wén zì
دۇنيا تارىخى
线形文字
xiàn xíng wén zì
قەدىمكى ئېگېي مەدەنىيىتى رايونىدا بارلىققا كەلگەن يىپسىمان يېزىق. يېزىق بەلگىسى سېغىز تاختىغا پاتۇرۇپ چىقىرىلغان، قاچىلاش ئەسۋابلىرىغا ئويۇپ چىقىرىلغان. ئارخېئولوگلار كرېت ئارىلىدىكى كىنوس ئوردىسى، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) دىكى پېلوس، مىكېناي ۋە تىرېنس قاتارلىق جايلاردىن تاپقان. ئالىملا يىپسىمان يېزىقنىڭ مەنبەسى ۋە دەۋرگە ئاساسەن <يىپسىمان يېزىق A> ۋە <يىپسىمان يېزىق B> دەپ ئىككى خىلغا بۆلگەن. قارىغاندا، ئالدىنقىسى كرېت ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅦ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلگەن؛ كېيىنكىسى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تارقالغان. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى مىكېنايدىن تېپىلغان. كرېت ئارىلىدىكى كنوستىن تېپىلغان <يىپسىمان يېزىق B> شەكىللىك يېزىق ئاكايالارنىڭ بىر مەھەل كرېتقا بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا؛ <يىپسىمان يېزىق B> شەكىللىك يېزىق 1952 - يىلى ئەنگلىيە ئالىمى ۋېنترىس ۋە چادۋىك تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېشىلىپ، يۇناننىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. (پېلوس قاتارلىق جايلاردىكى لاي تاختىلاردا كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ماتېرىياللار ساقلىنىپ قالغان).