Uyghur←Chinese主要词典
يىپسىمان ھايۋانلار
بىئولوگىيە
线形动物
xiànxíngdòngwù
كونا ئاتىلىشى <يۇمىلاقك تەنلىك ھايۋانلار> ھايۋاناتلار سىممېترىك، كۆپىنچە ئۇزۇن سىلىندىر شەكىللىك، بۇغۇملارغا بۆلۈنمىگەن، بەدەن سىرتىدا مۈڭگۈز ماددىلىق پەردىسى بولۇپ، ئۈچ تۆرەلمە قەۋەتتىن تۈزۈلگەن دەسلەپكى تەن بوشلۇقى (ياكى يالغان تەن بوشلۇقى) بولغاچقا، دەسلەپكى تەن بوشلۇقلىق ھايۋانلار (protocoelomota) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەسلەپكى تەن بوشلۇقىدا سىرتقى مۇھىت بىلەن تۇتىشىدىغان تۆشۈك - يول بولماستىن ئچى تەن بوشلۇقىغا تولغان بولىدۇ. ھەزىم قىلىش يولى ئەگرى بولمايدۇ، ئالدىنقى ئۇچىدا ئېغىز، ئاخىرقى ئۇچىدا ئانۇس بولىدۇ. زور كۆپچىلىكى يەككە جىنىسلىق ئادەتتە چىشى قۇرت ئەركەك قۇرتتىن چوڭ. ئەركىن ھايات كەچۈرىدۇ ياكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىنىدە پارازىتلىنىدۇ. ئەركىن ياشايدىغانلىرىغا سىركە يىپچە قۇرتى (Turbatrixaceti)، پارازىتلارغا ئىلمەك قۇرت، تۈتۈ (چۈچۈك) قۇرت، ئاسكارىدا، قىل قۇرت (فىلارىيە) ۋە بۇغداي يىپچە قۇرتى قاتارلىقلار مىسال بولىدۇ. كۆپ قىسىم يىپچە قۇرتلارنىڭ ھايات تارىخىدا ئارىلىق خوجايىننىڭ لازىمى بولمايدۇ.