Uyghur主要词典
يوئان
دۇنيا تارىخى
(1) يوئان Ⅱ (كومىنېن، 1088 - 1143) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (1181 - 1143). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، 1135 - يىلى سالجۇق تۈركلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىلىكىيە (كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدا) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك ئاسىيادىكى بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. 1137 - يىلى يەنە غەربىي ياۋروپا ئەھلىسەلىپ قوشۇنى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بەرپا قىلغان ئانتيوك كىنەزلىكىنى بويسۇندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرىبلار بىلەن ۋېنگىرلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇ ۋېنېتسىيە بىلەن بولغان كۈرىشىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 1126 - يىلى ۋېنېتسىيىنىڭ ۋىزانتىيە دائىرىسى ئىچىدە سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئېتىراپ قىلشقا مەجبور بولغان. (2) جىئان Ⅱ (ياخشى كىشى، 1319 - 1364) فرانسىيىدىكى ۋرويە خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1350 - 1364). ئۇ تەختكە چىقىشتىن ئاۋۋال فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشتا ئۇدا مەغلۇپ بولغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1356 - يىلى فرانسىيە پوئېتىر جېڭىدە يەنە مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزىمۇ ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان. 1360 - يىلى ئىمزالانغان <بىرېتىگىنى سۈلھ شەرتنامىسى> غا ئاساسەن نۇرغۇنلىغان پۇل تۆلەش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانلىقتىن، 1364 - يىلى يەنە ئەنگلىيىگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي لوندون تۈرمىسىدە ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
(1) يوئان Ⅲ (ۋاتاتزېس، 1193 - 1254) نېسىيە ئىمپېراتورى (1222 - 1254). تەختتىك مەزگىلىدە ئەركىن دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا تايىنىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلغان. 1225 - يىلى لاتىنلارنىڭ قولىدىن كىچىك ئاسىيانىڭ (كونستانتىنوپول بىلەن دېڭىز ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتىشىپ تۇرغان نىكومىدىيە رايونىدىن باشقا) نىڭ كۆپ قىسمى بىلەن دېڭىز بويىدىك سامۇس ۋە رود ئاراللىرىنى قايتۇرۋالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن قارا دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، 1235 - ۋە 1246 - يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا فېراكىيە ۋە تىسالۇنىكانى ئىگىلىۋالغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېپروس پادىشاھلىقىنىمۇ بويسۇندۇرغان.ئۇنىڭ سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى كېيىنكى ۋىزانتىيىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. (2) يوھان 3 (1537 - 1592). شۋېتسىيە كورۇلى (1568 - 1592). گوستاۋاۋازىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ئېرىك ⅩⅣ نىڭ ئاتابىر، ئانا باشقا ئىنىسى. ئېرىك ⅩⅣ نىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، شۋېتسىيىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان پولشا كورۇلىنىڭ سىڭلىسى كاتارېنا ياگېللونىكا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئاخىرى ئىككىسىنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1563 - يىلى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ (ئىجرا قىلىنمىغان)، بۇسخۇلىم قەلئەسىگە قاماپ قويۇلغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۋېتسىيە بىلەن دانىيىنىڭ ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر ئانا باشقا ئىنىسى چارلېس بىلەن بىرلىشىپ ئېرىك ⅩⅣ نى تەختتىن قالدۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1570 - يىلى روسىيىگە قارشى تۇرۇش غەرىزىدە دانىيە بىلەن <سىتتېن سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغا. 1572 - يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئىستۇنىيىنى بېسىۋالغان ھەمدە ئۇنى ئەينى زاماندا پولشاغا قاراشلىق لىۋونىيىگەقوشۇۋېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئوغلى سىگىزمۇند (كېيىنرەك سىگىزمۇند Ⅲ دەپ ئاتالغان) نىڭ پولشا پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاقسۆڭەكلەرگە بەزى ئىمتىيازلارنى بېرىپ، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن مونارخىزمنىڭ قارىمۇ - قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ يەنە كاتولىك دىنىغا يان بېسىپ لۇتېرچى مىسسىئونېرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
دۇنيا تارىخى
(1292 - 1383) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (1347 - 1355) ۋە تارىخشۇناس. 1341 - يىلى ئىمپېراتور يوئان 5 (1332 - 1391) يېشىغا يەتمەي تەختكە چىققان. ئۇ بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ فراكىيىدە ئۆزىنى ئىمپېراتور قىلىپ تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى چوڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، ھەر ئىككى تەرەپ تاشقى دۈشمىنى تۈركلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ۋىزانتىيىنى چوڭقۇر زىيانغا ئۇچراتقان. 1347 - يىلى ئۇ غەلىبە قىلىپ كونستانتىنوپولغا كىرىپ يوئان Ⅴ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈم سۈرگەن. 1349 - يىلى زېلوت قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1355 - يىلى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولۇپ، چېچىنى چۈشۈرۋېتىپ مۇناخ بولغان. ئۇنىڭ <تارىخ> ناملىق ئەسىرى بار.