Uyghur←Chinese主要词典
يوشۇرۇن گېن
بىئولوگىيە
隐性基因
yǐnxìngjīyīn
ئىككى ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە جانلىقلاردا مەلۇم گېن ئارىلاش زىگوتىلىق ھالەتتە تۇرغاندا، ئۇ بەلگىلەيدىغان ئالامەتلەر ئىپادىلەنمەستىن، پەقەت ئۇنىڭ ساپ زىگوتىلىق ھالىتىدىكى ۋاقتىدىلا ئاندىن ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، بۇ گېن يوشۇرۇن گېندۇر. ئۇنىڭ بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان ئاشكارىلىق گېننىڭ مەيلى ساپ زىگوتىلىق ياكى ئارىلاش زىگوتىلىق ھالەتلەردە بولسۇن، ئالامەتلىرى پۈتۈنلەي ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. كۆپ خىل ئەھۋاللاردا بۇ خىل ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، ئاشكارىلىق گېنىدىن فۇنكىسىيىگە ئىگە بىر خىل ماددا ھاسىل بولۇپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن تەڭ ئورۇنلۇق گېندا بۇ خىل ماددا ھاسىل بولماسلىق تۈپەيلىدىن، يوشۇرۇن گېن ساپ زىگوتا بولۇشى، يەنى ئاشكارىلىق گېنى كەمچىل بولغان چاغدا مۇتاتسىيىلەنگەن تىپى بولۇپ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن، يەنى يوشۇرۇن گېنىنى، ئاشكارا گېنىنىڭ بىر خىل مۇتاتسىيىلەنگەن تىپى دەپ قاراش مۇمكىن، مەسىلەن، ئادەملەرنىڭ ئاقلاشتۇرۇش گېنى بىر خىل يوشۇرۇن گېن بولۇپ، ساپ زىگوتا ۋاقتىدا تروزىننى قاراپىگمېنتنىڭ ئالدىنقى ماددىسىغا ئايلاندۇرۇشتىكى بىر خىل زۆرۈر ئېنزىم سىنتېزلىنالمىغانلىقتىن، ئىندىۋىدتا ئاقلاشتۇرىدىغان ئىپادىلىنىش تىپى پەيدا بولىدۇ. ئارىلاش زىگوتا ۋاقتىدا گەرچە يوشۇرۇن گېن ئىپادىلەنمىسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن نۇكلېئوتىد تەرتىپى يەنىلا ساقلىنىپ قېلىپ، ئەۋلادىغا ئۆتىدۇ.
تېببىي
隐性基因
yǐn xìng jī yīn