Uyghur←Chinese主要词典
يورۇق بىنا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
水门事件
shuǐ mén shì jiàn
ئامېرىكىدىكى سىياسىي سەتچىلىك. 1972 - يىل 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتى كومىتېتى بەش ئادەمنى ۋاشىنگتوندىكى يورۇق بىنا ياتاق بىناسىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى باش شتابىنىڭ خىزمەت بىناسىغا ئوغرىلىقچە كىرگۈزۈپ، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابى ئورنىتىپ، سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ سايلام رىقابىتى تەييارلىق ھەرىكىتى ئەھۋالىنى رازۋېت قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ ئىش قانۇنسىز بولغاچقا ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن نىكسون (1913 - ) زۇڭتۇڭ كۈچىنىڭ بارىچە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرغان، پارلامېنتتىكى ئىككى پالاتا ئەيىبلىمەكچى بولغان. نىكسون 1974 - يىلى 8 - ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ فورد (1913 - ) زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، نىكسوننىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ۋەقە شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.