Uyghur←Chinese主要词典
يورك خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
约克王朝
yuē kè wáng cháo
ئەنگلىيىدىكى فېئوداللىق خاندانلىق (1461 - 1485). ئەتىرگۈل ئۇرۇشى (1455 - 1485) داۋامىدا، يوركنىڭ گېرتسوگى رىچاردنىڭ ئوغلى ئىدۋارد 4611 - يىلى 3 - ئايدا لوندوننى بېسىۋېلىپ، لانكاستېر خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى ھېنرى 6 (1421 - 1471) نى بىكار قىلىپ، پادىشاھلىق تەختىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىچكى ئۇرۇش كەسكىنلەشكەن. 1485 - يىلى 8 - ئايدا، لانكاستېر جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى ھېنرىي تىئودۇر ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلىگەندىن (ھېبرىي Ⅶ دەپ ئاتىغان)كېيىن يورك خاندانلىقىنى ئورنىنى تىئودۇر خاندانلىقى ئىگىلىگەن. يورك خاندانلىقىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد كورۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان ۋاقتى مۇنداق: ئېدۋارد 4 (1461 - 4. 1483)؛ ئېدۋارد 5 (4. 1483 - 6. 1483)؛ رىچارد 3 (6. 3148 - 1485).