Uyghur←Chinese主要词典
يوپۇرماق گۆشى
بىئولوگىيە
叶肉
yèròu
ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرماق ئالىقىنى ئىچىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە توقۇلمىسى. ئۇ تەركىبىدە خلوروپلاست بولغان نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، يوپۇرماقنىڭ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغان قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يوپۇرماق گۆشىدە ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىدىن تۈزۈلگەن ھاۋا ئۆتۈشۈش سىستېمىسى بولۇپ، ھاۋا تۆشۈكى ئارقىلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يوپۇرماق گۆشى رېشاتكىسىمان توقۇلما بىلەن بۇلۇتسىمان توقۇلمىغا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى يۇقىرى تەرەپتە (ئوق يۈزىگە يېقىن) جايلىشىدۇ، ھۈجەيرىلىرى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، تەركىبىدە خلوروپلاست بولىدۇ، زىچ تىزىلىدۇ، بىرقانچە قەۋەت رېشاتكىغا ئوخشايدۇ. كېيىنكىسى تۆۋەن تەرەپ (ئوققا يۈزىگە يىراق) كە جايلىشىدۇ، ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكلى رەتىسز بولۇپ، تەركىبىدىكى خلوروپلاست رېشاتكىسىمان توقۇلمىنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ، تىزىلىشى شالاڭ بولۇپ بۇلۇتقا ئوخشايدۇ. سىرتتىن كۆرۈنۈشتە يوپۇرماقنىڭ ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى قېنىق، ئاستىنقى يۈزىنىڭ رەڭگى سۇس بولىدۇ، بۇ يۇقىرىقى ئىككى خىل توقۇلمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇخىل ئەھۋال كۆپ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىدىكى ئورتاقلىق بولۇپ، ئىككى يۈزلۈك يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ كۆپىنچىسى تىك ھالەتتە بولۇپ، ئىككى يۈزىنىڭ يۇرۇقلۇق قوبۇل قىلىشىدا پەرق چوڭ بولمايدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشتىن روشەن پەرقلەنمەيدۇ. ئىچكى قىسىمدىمۇ رېشاتكىسىمان توقۇلما بىلەن بۇلۇتسىمان توقۇلما ئېنىق بۆلۈنمىگەن بولىدۇ. بۇخىل يوپۇرماق ئوخشاش يۈزلۈك يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى.
دېھقانچىلىق
叶肉
yè ròu