Uyghur主要词典
يونكىرلار ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
نويابىر ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1934 - يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە دائىرىلىرى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ بىر تۇتاش ئىدارە قىلغۇچىلاردىن بولغان داۋمېي ئوقۇتقۇچىسى تىسۇجى ماسونۇبۇ (1902 - 1968) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى دېگەننى باھانە قىلىپ، پادىشاھپەرەسلەرنىڭ ئوفىتسېرى مۇراناكا كوجى، ئىسۇبې كانىجى بىلەن يونكىرلار مەكتىپىنىڭ بەش نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى قولغا ئالغان. ھەربىي قانۇن كېڭىشى پاكىت تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ، ئەيىبلىمەيلا ئىككى ئوفىتسېرنى ئالتە ئاي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا، بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق قىلغان. پادىشاھپەرەسلەر مۇشۇ ئىش ئارقىلىق بىر تۇتاش ئىدار قىلغۇچىلارغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ قارىمۇ - قارشىلىقى بارغانسېرى كۈچەيگەن.