Uyghur主要词典
يوغان
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
كىچىك ، ئۇششاق ، مەيدە، ئۇۋاق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىگىلىگەن ئورنى، ھەجمى ئىنتايىن كەڭ؛ چوڭ، زور.
باش كىچىك. تۇماق يوغان، بەل كىچىك، غىلاپ يوغان (ماقال).
توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى چوڭ؛ توم (دەرەخ، ئارغامچا، يىپ، چاچ قاتارلىق نەرسىلەر ھەققىدە).
قىز يوغان ئىككى ئۆرۈم چېچىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۇچلىرىنى بېشىغا قىستۇرۇۋالغان ئەگرى تارغاق بىلەن تاراپ ماڭدى.
بوم (ئاۋاز ھەققىدە).
- بارسبەگنىڭمۇ بار، - دېدى قىلىچ يوغان ئاۋاز بىلەن.
پو، ئەمەلىيەتتىن يىراقلاشقان، لاپ (گەپ - سۆز ھەققىدە).
يوغان گەپ.