Uyghur主要词典
يېنىكلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېنىك بولۇپ قالماق، يېنىك ھالەتكە كەلمەك، ئېغىرلىقى ئازايماق.
دەريادىن چىققاندا تۇز ئارتىلغان ئېشەكنىڭ يۈكى يېنىكلەپتۇ، پاختا ئارتىلغان ئىشەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپتۇ.
بىرەر ئىش، پائالىيەت جەريانى قاتارلىقلار ئاسانلاشماق، ئاسان، ئوڭاي ھالەتكە كەلمەك.
بوۋاينىڭ ياردىمى بىلەن ئېغىر ئىشىمىز يېنىكلەپ بىزمۇ خېلىلا ئارام تېپىپ قالدۇق.
كۆچمە. ئومۇمەن ئادەمنى روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىدىغان تۈرلۈك تۇيغۇ ياكى زەربىلەرنىڭ زىيىنى كېمەيمەك، ئادەمگە كەلتۈرگەن كۆڭۈلسىزلىكلىرى ئازايماق، زەربىسى تۆۋەنلەپ بارماق.
كېسىلى يېنىكلىمەك. دەردى يېنىكلىمەك. غەمدىن يېنىكلەپ قالماق. ۋىجدان ئازابى يېنىكلىمەك.
روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم، خۇش بولۇپ قالماق، ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە ھېس قىلماق.
مەن ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى يېنىكلەپ قالدىم.