Uyghur主要词典
يېنىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىجەز - خۇلقى ئىتتىك، سۆزى تۇتۇرۇقسىز.
«شىغىلداق» ئىلى شېۋىسىدە «يېنىك» مەنىسىدە ئېيتىلىدۇ.
شاللاق قىز ئاشىقىدىن بىزار. شاللاق ئايالغا سوقۇر ئەر ياخشى. شەپشەك قارنى تويغان چاغ، شەپشەكلىكى بولار دادىلراق. شېتىلە ئېرىق ئاتلار، ئېغىر - بېسىق دەريا. يېنىك چوكان ئەردە توختىماس. شەقىقە شەھەرگە پاتماس. كۆڭلى سۇيۇقنىڭ ئىشى ئاقماس، كۆڭۈلگە ياقماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىرلىقى يوق، ۋەزنى كەم؛ ۋەزمىن ئەمەس.
تەڭ كۆتۈرگەن يۈك يېنىك. ئېغىر چامدىغۇچە، يېنىك سەكرەيدۇ. ياشلار يېنىك كېلىدۇ، ئاسان تېرىكىدۇ. يەڭگىل ئويلاش ئۆزۈڭگە يۈك. ئۇ قىزنىڭ مىجەزى يەڭگىل ئىكەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېنىك.
3 - 23
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاسان، قولاي، يېنىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ۋەزنى ئېغىر ئەمەس، يەڭگىل.
ئۇ شاھنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزى يېنىك، باھاسى قىممەت نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىپتۇ.
سۈپ. كۆچمە. مۇشەققىتى ئاز؛ بېجىرىلىشى، ئورۇنلىنىشى ئوڭاي، ئاسان.
يامانلىقنىڭ يولى يېنىك، ياخشىلىقنىڭ يولى ئېغىر (ماقال).
تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭغا خېلىلا يېنىك تۇيۇلدى.
سۈپ. كۆچمە. تېز ھەزىم بولىدىغان، ئاسان سىڭىدىغان (تۈرلۈك يېمەك - ئىچمەكلەر ھەققىدە).
ئۇ توخۇ گۆشىگە ئوخشاش يېنىك ۋە مەززىلىك نەرسىلەرنى يەپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرەتتى.
سۈپ. كۆچمە. ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشى چاققان.
يىگىتنىڭ تاشقى قىياپىتى ئۆزگىچە، بېشىغا چاچ قويغان، چاققان، يېنىك، زىغىر رەڭ گىمناستوركىسىنىڭ ئۈستىدىن كەمەر باغلىغان.
سۈپ. كۆچمە. مىجەزى ئىتتىك، بىر ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلىمايلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغان، ئالدىراڭغۇ، يەڭگىلتەك.
بۇ سىرنى ئېرىڭدىن باشقا ھېچكىمگە بىلدۈرمىگىن، قېيناناڭمۇ يېنىك خوتۇن، بولۇپمۇ كۈندىشىڭ سەزگۈدەك بولمىسۇن.
سۈپ. كۆچمە. ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس بوش ھەم مۇڭلۇق.
يېنىك ئاھاڭ. يېنىك مۇزىكا. يېنىك شامال.
ئابدۇۋېلى يېنىك كۈلۈپ قويدى.
سۈپ. كۆچمە <قا> دەرىجىسى ئېغىر بولمىغان، قاتتىق ئەمەس، يەڭگىل، ئادەتتىكىدەك.
يېنىك جازا. يېنىك جىنايەت.
سۈپ. كۆچمە. زەخىملىنىش، بۇزۇلۇش دەرىجىسى قاتتىق ئەمەس.
شۇ قېتىم يىقىلغان چاغدا ئۇنىڭ تىز سۆڭىكىدە يېنىك دەز پەيدا بولغانىكەن.
ئۇ ھېلىقى يېنىك زەخىملەنگەن يىگىتكە قاراپ بىر نېمىلەرنى پىچىرلىدى.
رەۋ. كۆچمە. روھىي جەھەتتىن ناھايىتى خاتىرجەم.
تۇرسۇن ئاتا ئەتىسى ئورنىدىن ناھايىتى يېنىك تۇردى.
رەۋ. كۆچمە. كۆپ كۈچىمەيلا، كۆپ قىينالمايلا.
ئاتلار سوقىلارنى يېنىك سۆرەپ كېتىپ باراتتى.
رەۋ. كۈچسىز، بوشقىنا؛ ئاستا، يەڭگىل.
ھېلىقى كىشى يېنىك بىر يۆتىلىپ گېلىنى قىرىپ قويدى.
ئۇنىڭ قوللىرى يېنىك تىترەيتتى.
سۈپ. كۆچمە. ئاسان چۈشەنگىلى، ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدىغان.
يېنىك دەرس.