Uyghur主要词典
يىن جۇەن
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن ئالىم. تەخەللۇسى شى جۇڭ، لەقىمى بەيخۇ، چىۋەنلو بېيداۋنىڭ جەنۇبىدىن، جۈزئىي تەرىقەت ئىلمىنى ھەدەپ تەرغىبات قىلغان سۇڭ شىلېي تەرەپدارلىرىغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغان. لى خۇاڭ قاتارلىقلارنىڭ لىچى نەزەرىيىسىنىمۇ تەنقىد قىلغان. ئىلىم - پەن ئىدىيىسىدە يېڭىلىق ياراتقان. شاگىرت يېتىشتۈرگەن، خېلى ئىناۋەت قازانغان. 1860 - يىلى <گېڭشىڭ چوڭ مالىمانچىلىقى> دا جياشەنگە سۈرگۈن قىلىنغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن <شۈجيەن ۋەقەسى> دە ئۆلتۈرۈلگەن