Uyghur主要词典
يىن يۇەنخېڭ
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن لى سۇلالىسى مىڭ زۇڭ دەۋردىكى ھوقۇقدر ۋەزىر. ئاستانە ۋىلايىتىدىكى پوپىڭلىق. ئىسمى يەن پىڭ. جۇڭ زۇڭنىڭ ئىككىنچى بانۇسى ۋىندىڭ (مىڭ زۇڭنىڭ ئانىسى) نىڭ ئىنىسى. 1533 - يىلى (جۇڭ زۇڭنىڭ 28 - يىلى) مەمۇرىي ئەمەلدار بولغان. جۇڭ زۇڭنىڭ يەنە بىر بانۇسى جاڭ جېڭ (رېن زۇڭنىڭ ئانىسى) نىڭ ئىنىسى يىن رېن بىلەن ھوقۇق تالاشقان. يىن يۇەنخېڭ تەرەپدارلىرى كىچىك يىنلار، يىن رېن تەرەپدارلىرى چوڭ يىنلار دەپ ئاتالغان. 1545 - يىلى رېن زۇڭنىڭ تەختكە چىقىشى سەۋەبلىك يىن رېن تەرەپدارلىرى كۈچىيىپ، كىچىك يىنلارنى باسقان، ئەمما رېن زۇڭ تەختكە چىقىپ سەككىز ئاي بولغاندىلا ئۆلۈپ قالغاچقا، مىڭ زۇڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. كىچىك يىن تەرەپدارلىرى كۈچىيىپ، چوڭ يىن تەرەپدارلىرىنى ئۆلتۈرگەن ياكى سۈرگۈن قىلغان. بۇ <يىيى يىلىدىكى تۆرىلەر ئاپىتى> دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا يىن يۇەنخېڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزگەن. 1565 - يىلى (مىڭ زۇڭنىڭ 20 - يىلى) ۋېندىڭ خانىش ئۆلۈپ، ئۇ ئەيىبلىنىپ ئۇنۋانى ئېلىپ تاشلانغان، يىن يۇەنخېڭ تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان.