Uyghur←Chinese主要词典
يىڭناغۇچىلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
蜻蜓目
qīngtíngmù
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. تولىسى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ھاشاراتلار. كۆپچىلىكنىڭ رەڭگى كۆركەم، بېشى چوڭ، تېتىك ئايلىنالايدۇ. ئانتېننىسى ناھايىتى قىسقا، قىلچىق تۈكسىمان. مۇرەككەپ كۆزى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، باش قىسمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئاددىي كۆزى ئۈچ، چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتىنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيى ۋە كۆكرەك قىسمى تەرەققىي قىلغان، تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولۇپ، ئالدىنقى كۆكرىكى كىچىك، ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، ئوتتۇرا كۆكرىكى بىرىكىپ كەتكەن، ئالدىنقى ۋە ئارقا قاناتلىرى پەردە ماددىسىدىن تۈزۈلگەن، سۈزۈك، ئۇزۇنلۇقى تەڭ ھەم تار، قانىتىنىڭ ئالدىنقى گىرۋىكىدىكى قانات چوققىسىغا يېقىن يەردە كۆپىنچە قانات دېغى (مېڭى) بولىدۇ. پۇتى باش قىسمىغا يېقىن بولۇپ، ئىنچىكە، مېڭىشقا ئەپسىز، يامىشىشقا ماسلاشقان، ئۇچقان چاغدا ئېغىزىنىڭ ئاستىغا قاتلىنىۋالىدۇ، ئوزۇق تۇتۇشقا ياردەملىشىش رولىغا ئىگە. قورساق قىسمى ئىنچىكە، ئۇزۇن تۇرۇبىسىمان، ھالەت ئۆزگەرتىشى تولۇقسىز (مۇكەممەل ئەمەس). چىشى قۇرت تۇخۇمىنى سۇغا ياكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئىچىگە سالىدۇ. نىمفا قۇرتى سۇدا ھايات كەچۈرۈپ، <يىڭناغۇچ قۇرتى> دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدە ئېغىز ئاپپاراتى بولۇپ، قىسقىراپ - ئۇزىرالايدىغان <كۆز قاپىقى> نى شەكىللەندۈرگەن. ئىشلەتمىگەندە بېشىنىڭ ئاستىغا قاتلىنىۋالىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلگەنلىرى ھاۋا قاپقىقىدىن نەپەسلەنگەندىن باشقا يەنە سۇدا نەپەسلىنىشكە ماسلاشقان كاناي ژابراسى بولىدۇ. نىمفا قۇرتى ۋە يېتىلگەن قۇرتلىرىنىڭ ھەممىسى گۆشخۇر؛ نىمفا قۇرتى لەيلەمچۈك ھەم پاشىلارنىڭ لىچىنكىسىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چوڭلىرى كىچىك بېلىقلارنىمۇ تۇتۇپ يەيدۇ؛ يېتىلگەن قۇرتلىرى پاشىلار، كىچىك پەرۋانىلەر، يوپۇرماق تومۇزغىسى قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. مۇھىم بىر خىل پايدىلىق ھاشارات. پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان بولۇپ، تروپىك بەلباغ رايونىدىكى تۈرلىرى نىسبەتەن كۆپ. يىڭناغۇچ ۋە كائېناگرىيوملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغانلىرى تەخمىنەن 5000 تۈر.