Uyghur主要词典
يېمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
ئاش يېگەن قۇتۇلۇپ، تاۋاق يالىغان تۇتۇلۇپتۇ. ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ. ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمە. ئېشىنى يەپ قازىنىنى چېقىپتۇ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز. دوختۇرنىڭ قېشىغا بارماي دېسەڭ، تاماقنى ئاز يە. ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام. ئىزا تارتقىنىم، غىزا تارتقىنىم. يېگۈدەك ئوقەت يوق ئۆيدەك جېدەل توختىماس. ئۆيدە يېمەك يوق قالدىم ئاچ، ئوقەت يەپ ئاندىن قاچ. يېگۈلۈك يوق يەردە جان يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېگۈلۈك - ئىچكۈلۈكلەرنى ئىستېمال قىلماق.
<ئىچمەك> سۇيۇقلۇققا قارىتىلىدۇ.
ئاش كەلسە يېگىن، ئىش كەلسە قىلغىن. ئەقىلسىز بىلەن پولۇ يېگۈچە، ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ. چاراغپايدا چاي ئىچكەن چېچەننى كۆرۈڭ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەيدىغان نەرسە، يېگىلى بولدىغان ياكى يېيىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسە، يېگۈلۈك.
- بىر گېپىم بار دەۋالاي، - دەپتۇ ئېشەك، - رازىمەن ئاندىن مېنى قىلساڭ يېمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاماق ئىستېمال قىلماق، يېمەك - ئىچمەك بىلەن قورساق توقلىماق، غىزالانماق، تاماقلانماق.
توخۇنى ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمىنى يېگەنمۇ ئوغرى (ماقال).
تىرىكچىلىك ياكى ئەيش - ئىشرەت ئۈچۈن سەرپ قىلماق، خەجلىمەك، ئىشلەتمەك.
ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن خاقاننىڭ ئوغلى ئەل نۇرىدىن ھەممە بار - يوقىنى سېتىپ يېدى.
باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق، خەقنىڭ ھەققىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلماق، ئۆزىنىڭ ئىشى ئۈچۈن ئىشلىتىۋالماق.
پارا يېمەك.
كۆچمە. كاردىن چىقارماق، يوقاتماق، ئۆلتۈرمەك، سەپتىن چىقارماق.
مۇزەپپەر دېگەن بۇ جاللات ئاخىرى سېنى يەپ قويىدۇ.
ئادەمنى زەخىملەندۈرەلەيدىغان ياكى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن بىللە كېلىپ <شۇ نەرسە بىلەن ئۇرۇلماق، تىلىنماق، زەخىملەندۈرۈلمەك؛ شۇ نەرسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماق، زەربىسىگە ئۇچرىماق> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
تاياق يېمەك. كالتەك يېمەك. پىچاق يېمەك. دەررە يېمەك. پەشۋا يېمەك.
كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان، ئەمما ئادەم ياكى نەرسىلەرگە مەلۇم دەرىجىدە زىيان ياكى پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن بىللە كېلىپ <شۇ نەرسىنىڭ زەربىسى ياكى ھۇزۇرىغا ئۇچرىماق، زىيىنى ياكى پايدىسىنى كۆرمەك، شۇ نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماق> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
سوغۇق يېمەك. شامال يېمەك. ھاۋا يېمەك. ئۈششۈك يېمەك. تولغاق يېمەك. دەككە يېمەك.
كىشىنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسىملار بىلەن بىللە كېلىپ، شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن ھالەتكە مۇپىتلا بولۇشنى، شۇنداق ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ.
غەم يېمەك. پۇشايمان يېمەك. ئازار يېمەك. ئارمان يېمەك. ۋەھىمە يېمەك.
<گەپ> سۆزى بىلەن بىللە كېلىپ <ئالماق، قوبۇل كۆرمەك، ماقۇل بولماق، قوشۇلماق> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گېپىنى يېمەيتتى.
تېرە ئاشلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاش بىلەن بىللە كېلىپ ئۇنى پېئىللاشتۇرۇپ <ئاشلانماق> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
توڭگۇز تېرىسى سېسىقلىقىدىن ئاش يېمەس، ئادەم تېرىسى ئۇلۇغلۇقىدىن ئاش يېمەس (ماقال).
ئۇپراتماق.
تۆمۈرنى ئېكەك يەيدۇ، قاتتىقنى يۇمشاق يەيدۇ.