Uyghur主要词典
يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيسى
بىئولوگىيە
باكتېرىيىنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز تۈكچىسىگە كىرىۋېلىپ يىلتىز تۈگۈنىنى ھاسىل قىلىدۇ. يىلتىز تۈگۈنى ئىچىدىكى يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسى ئاتموسفېرادىكى ئەركىن ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، تۇراقلاشتۇرۇلغان ئازوتنىڭ كۆپ قىسىمىدىن پارازىت ئىگىسى ئۆسۈملۈك پايدىلىنىدۇ، يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى ئۆسۈملۈكتىن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى بىلەن پارازىت ئىگىسى ئۆسۈملۈك ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىشىپ ياشاش مۇناسىۋىتى ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ يەنە <ئازوتنى ئورتاقلىشىپ تۇراقلاشتۇرىدىغان باكتېرىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەزى يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىلىرى ئورتاقلىشىپ ياشىمىغان شارائىتتىمۇ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدۇ. ھەر خىل يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشىشىدا دائىم بەلگىلىك پارازىت ئىگىسى بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ پارازىت ئىگىسى دائىرىسى تارراق، بەزىلىرىنىڭ كەڭرەك بولىدۇ. يىلتىز تۈگۈنى ئىچىدىكى يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى كۆپ خىل شەكىل ھالىتىدە بولىدۇ، ئۇلار ئۆسۈملۈك بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشىغاندىن باشقا، يەنە ئەركىن ياشىيالايدۇ. ئوكسىگېن خالايدۇ، تەركىبىدە قەنت بولغان ئۆستۈرگۈچتە ئۆسۈپ زور مىقداردا يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىدۇ. يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسىنىڭ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشاش سىستېمىسىنىڭ ئازوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر خىل يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيلىرىدىن يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيە دورىسى ياساپ، ئۇنى ماس ھالدىكى زىرائەتلەرنىڭ ئورۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېرىغاندا، بۇ خىل زىرائەتلەرنىڭ يىلتىز تۈگۈنىنى ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھسۇلاتنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، تۇپراقنىڭ ئوغۇتلۇق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.