Uyghur主要词典
يىللار خاتىرىسى
دۇنيا تارىخى
<يىلنامە> ياكى <رىم يىلنامىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. كىتاب نامى. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى تاستۇس يازغان. مىلادى 115 - 117 - يىللىرى كىتاب بولۇپ چىققان. جەمئىي 18 توم (يەنە بىر ئېيتىلىشتا 16 توم). بۈگۈنگىچە بىرىنچى تومدىن تۆتىنچى تومىغىچە، بەشىنچى تومنىڭ باشتىكى بىر نەچچە بابلىرى، ئالتىنچى تومىنىڭ كۆپ قىسمى، 11 - تومدىن 16 - تومغىچە بولغان 35 باب ساقلىنىپ قالغان. يىلنامە شەكلىنى قوللىنىپ، ئاساسەن، 14 - يىلى ئاۋگۇست ئۆلگەندىن 68 - يىلى نېرو تەختتە تۇرغاننىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە بولغان يىللاردىكى تارىخي ئىشلار خاتىرىلىنىپ، ئاخىرى ئاپتورنىڭ يەنە بىر مەشھۇر كىتابى - <تارىخ> بىلەن ئۇلىنىپ كەتكەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردىكى رىم تارىخىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مۇھىم كىتاب ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا ئاپتورنىڭ ئاقسۆڭەكلەر جۇمھۇرىيىتى ئىدىيىسى تولۇق ئىپادىلىنىپ، رىم ئىمپېرىيە تۈزۈمى دەۋرىدىكى سىياسىي قاراڭغۇلۇق، پادىشاھنىڭ گالۋاڭلىقى ۋە ئوردىدىكى كاتتا مەنسەپدارلارنىڭ بىر - بىرىگە ئورا كولاشلىرى ناھايىتى تولۇق پاش قىلىنغان، ئوردا سۈيىقەستلىرىنىمۇ ناھايىتى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. كېيىنكىلەر ئۇنى <زالىم پادىشاھلارنى جازالايدىغان قامچا> دەپ ئاتىغان. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۈچ چىقىرىپ يازغان ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزەرى ۋە يېزىش ئۇسلۇبىغا ئەڭ تولۇق ۋەكىللىك قىلغان.