Uyghur主要词典
يىل ھالقىسى
بىئولوگىيە
ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر غولىنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدىكى ئوخشاش مەركەزلىك ھالقىسىمان سىزىق. ئۇ ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ ھەر يىلى ھاسىل قىلغان ياغاچلىق قىسمىدىن تۈزۈلىدۇ. يىل ھالقىسى مۆتىدىل بەلباغدىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرد بولىدۇ، قۇرغاق ۋە ھۆلچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى پەسلى بولغان ئىسسىق بەلباغدىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردىمۇ بولىدۇ. ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ھەرىكىتى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. باھاردىن يازغىچە بولغان مەزگىلدە تېمپېرتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى، يامغۇر يېتەرلىك، ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ بۆلۈنۈشى كۈچلۈك، ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى تېز، ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەر چوڭ ھەم پوستى نېپىز بولىدىغانلىقتىن، ماتېرىيالنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بوش بولىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى ماتېرىيال دەسلەپكى ياكى باھاردىكى ماتېرىيال دەپ ئاتىلىدۇ. يازدىن كۈزگىچە بولغان مەزگىلدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن، يامغۇر ئاز، ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ ھەرىكىتى ئاجىز، ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا، ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەر كىچىك، پوستى قېلىن بولىدىغانلىقتىن ماتېرىيالنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زىچ بولىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ماتېرىيال كېيىنكى ياكى كۈزدىكى ماتېرىيال دەپ ئاتىلىدۇ. بىر يىل ھالقىسى بىر دەسلەپكى ماتېرىيال بىلەن بىر كېيىنكى ماتېرىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككىسى بىر - بىرىگە تەدرىجىي چېگرىسى ئېنىق بولمايدۇ. بىراق ئۆسۈملۈك قىشلىق ئۇيقۇنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقتىن شۇ يىلدىكى كېيىنكى ماتېرىيال بىلەن ئىككىنچى يىلدىكى دەسلەپكى ماتېرىيال ئوتتۇرىسىدا نىسبەتەن روشەن چېگرا پەرقى بولىدۇ. يەنى ئىككى يىل ھالقىسى ئوتتۇرىسىدا قېنىق رەڭلىك ھالقا چېگرا سىزىقى بولىدۇ. بىر يىلدا بىر ھالقا ھاسىل بولىدۇ، بىر يىلدا بىرقانچە ھالقا ھاسىل بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بۇ يالغان يىل ھالقىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ماندارىن بىر يىلدا ئۈچ ھالقا ھاسىل قىلىدۇ. ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ تەسىرى بىر يىلدا بىر قانچە ھالقا ھاسىل بولۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرەخ غولىنىڭ تۈۋىدىكى يىل ھالقىسىنىڭ سانىغا ئاساسەن، دەرەخنىڭ يېشى ھەمدە ئۆتۈپ كەتكەن مەلۇم يىلنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.