Uyghur←Chinese主要词典
يىلانبېلىق
بىئولوگىيە
鳗鲡
mánlí
بېلىقلار سىنىپى، يىلانسىمانلار ئەترىتىنىڭ يىلانبېلىق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى ئىنچىكە، ئۇزۇن يىلان شەكلىدە. تېنىنىڭ ئاخىرقى قسىمى سەل يېنىچە ياپىلاق، بېشى ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق، ئۈستۈنكى تۆۋەنكى جاغلىرىدا ئۇچلۇق كىچىك چىشلىرى بار. ژابرا تۆشۈكى كىچىك، يان سىزىقى بار. تەڭگىچىلىرى ئۇششاق ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئېپىتېلىيىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. تېرىسى قېلىن، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى كۆپ، كۆكرەك پالاقچىسى قىسقا - يۇمىلاق، قورساق پالاقچىسى يوق، دۈمبە، ساغرا پالاقچىلىرى پەس ھەم ئۇزۇن بولۇپ، قۇيرۇق پالاقچىسىغا تۇتىشىپ كەتكەن، قۇيرۇق پالاقچىسى قىسقا - يۇمىلاق، ئومۇرتقا سۆڭەلىرى 260 قا يېتىدۇ. ئاشقازىنىدا سوقۇر خالتىسى بار. دۈمبىسى تۇتۇق كۈل رەڭ، قورساق تەرىپى كۈل رەڭ ياكى سەل سارغۇچراق بولۇپ، داغ چېكىتلىرى بولمايدۇ. دەريا ئېقىمىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ئۈزۈپ كۆچىدىغان بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە يېتىلگەن يىلانبېلىقلار توپ - توپ بولۇپ چوڭقۇر دېڭىزلارغا ئۈزۈن بېرىپ تۇخۇم سالىدۇ. قەيەرلەرگە تۇخۇم سالىدىغانلىقى تېخى تەكشۈرۈش ئۈستىدە، بېلىجانلار سۆگەت يوپۇرمىقى شەكلىدە، سۈزۈك بولۇپ، يوپۇرماقسىمان لىچىنكىسى (ياكى يوپۇرماق شەكىللىك يىلانبېلىق يەنى لېپتوتسېفالۇس، leptocephelus دېيىلىدۇ) ئەتىياز پەسلىدە ھالەت ئۆزگەرتىپ يىلانبېلىق يىپچىسىغا ئايلىنىپ توپ - توپ بولۇشۇپ، دېڭىزلاردىن دەريا ئېغىزلىرىغا كېلىپ، سۇ ئېقىمىغا قارشى ئۈزۈپ دەريا - كۆللەرگە كىرىدۇ؛ ئاز ساندىكىلىرى ھەتتا دەريالارنىڭ باش ئېقىنىغىچە بارىدۇ. شۇ يەرلەردە ئۆسۈن يوغىنايدۇ. ئەركەك يىلانبېلىقلار تاتلىق سۇلاردا ئىككى - ئۈچ يىل ياشايدۇ، چىشى يىلانبېلىقلار ئۈچ - تۆت يىل ياشىغاندىن كېيىن دەريادىن تۆۋەنلەپ ئۈزۈن كۆچۈشكە باشلايدۇ. كىچىك بېلىق، قىسقۇچپاقا، راك، سازاڭ قۇرت، سۇدا ياشايدىغان ھاشارات ۋە قاسىراقلىق ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئادەتتە كېچىسى ھەرىكەتلىندۇ. قىش پەسلىدە ئوزۇقلانمايدۇ، دەريادا تۆۋەنلەپ ئۈزۈپ كۆچكەن مەزگىلدىمۇ بىر نەرسە يېمەيدۇ. ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، سۇدىن ئايرىلغان مەزگىلى سەل ئۇزىراپ كەتسىمۇ ئاسان ئۆلۈپ قالمايدۇ. ئەڭ چوڭ ئىندىۋىدلىرى 80 سانتىمېتردىن، ئېغىرلىقى بىر كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. چاڭجىياڭ، مىنجياڭ، جۇجياڭ دەريالىرىدا ھەم خەينەنداۋ، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان. چاۋشىيەن، ياپونىيىلەردىمۇ چىقىدۇ. گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك، ماي تەركىبى كۆپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى خېلى مول بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيىدە ئاللىقاچان بېقىپ كۆپەيتىش ئوبيېكىتىگە ئايلانغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىمۇ يىلانبېلىق يىپچىلىرى سۈنئىي بېقىپ كۆپەيتىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىلدى. يېقىندىن بۇيان مەملىكىتىمىز ۋە ياپونىييلەردە يىلانبېلىق سۈنئىي كۆپەيتىلمەكتە. يېقىن تۈرلىرىدىن مارموراتا يىلانبېلىقى (چىپار يىلانبېلىق، A.morata) جۇڭخۇا يىلانبېلىقى A.sinensis( ھەم ياۋروپا دەريا يىلانبېلىقى )A.anguilla( ئامېرىكا دەريا يىلانبېلىقى )A.rostrata(، قاتارلىقلار بار.
ئۇنىۋېرسال
鳗鱼
mán yú
ئۇنىۋېرسال
)ئى(
shàn yú ,huáng shàn
鳝鱼,黄鳝