Uyghur主要词典
يېڭى كارفاگېن
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەر. بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 264 - 241) دىن كېيىن كارفاگېنلىقلار ( شىمالىي ئافرىقىدا) دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيىنى ئىدارە قىلىۋالغان؛ مىلادىدىن 228 يىل ئىلگىرى، كارفاگېننىڭ قوماندانى خاسدرۇبا بۇ شەھەرنى سېلىپ، رىم بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدىغان بازا قىلغان. بۇ شەھەردە ياخشى پورت بار بولۇپ، سودا ئىشلىرىغا قولايلىق، تېز تەرەققىي قىلىپ، غەربىي يەر ئوتتۇرا دېڭىزى بويىدىكى چوڭ شەھەرگە ئايلانغان. مىلادىدىن 218 يىل ئىلگىرى، گاننىبال بۇ يەردىن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلغان. بۇ، ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 218 - 201) نىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 209 يىل ئىلگىرى، رىم سەردارى چوڭ سىپىئوس تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىم ئۇنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلغان ھەمدە رىم ئەمەلدارىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىلىرىنى باشقۇرۇشتىكى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ قالغان. بۇ يەرلەردىن چىققان كۈمۈش رىم دۆلىتىنىڭ مېتال پۇل قويۇشىغا يەتكەزۈپ بېرىلگەن. ئىمپېرىيە دەۋرىگە كەلگەندە يەنىلا ئاۋات بولغان، شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان رىمچە ئىبادەتخانا ۋە قۇرۇلۇشلار بار. Ⅴ ئەسىردە غەربىي گوتلار بېسىپ كىرگەندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.