Uyghur←Chinese主要词典
يىجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
义静苏维埃运动
yì jìng sū wéi āi yùn dòng
يىئەن - خېجىڭ سوۋېت ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ھەرىكىتى. 1930 - يىلى 1 - ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، بيەنشۈي سەرەڭگە زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار كومپارتىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە رەھبەرلىك قىلىشى ئارقىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، <ئىش ۋاقتى ئازايتىلسۇن!>، <باج ئازايتىلسۇن!>، <ئاق تېررورلۇققا قارشى تۇرايلى!> دېگەن شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فرانسىيە - ۋيېتنام ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلىمغا ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرغان. بۇ ھەرىكەت يىئەن، خېجىڭ ئۆلكىلىرىدىكى يېزا - كەنتلەرگىچە تېز كېڭىيىپ، 9 - ئايدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ھەمدە راۋاجلىنىپ قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلانغان. ئىككى ئۆلكىدىكى يۈنتەن، شىڭيۈەن، شياڭشەن، يىلۇ قاتارلىق ناھىيىلەردە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى كەينى - كەينىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. شۇ يەردىكى دېھقانلار ئىشچىلار بىلەن بىرلىشىپ، قوغىدىنىش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، سوۋېتچە يەرلىك ئىشچى - دېھقان ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتى قۇرۇپ، بەزى دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىپ بارغان. 1931 - يىلى فرانسىيە - ۋيېتنام ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بىرلىشپ باستۇرۇشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋېيتنام ئىنقىلابىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەنگەن.