Uyghur←Chinese主要词典
يېڭى گۇلف پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
新归尔甫党
xīn guī ěr fǔ dǎng
ⅩⅨ ئەسىنرىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى كاتولىك دىنى ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى. ئۇلار ئوتتۇرا ئەسىردىكى گۇلفنىڭ نامىنى قوللىنىپ رىم ۋاتىكانىنى ئىتالىيە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ھېسابلىغان. دەسلەپتە ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ بىرى بولۇپ، كاتولىك دىنى ئەقىدىسىنى تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئىدىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەرغىپ قىلغان. 1843 - يىلى گىيونېرتى <ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ئەخلاق ۋە جەمئىيەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى> دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ سىياسىي پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ كاتولىك چېركاۋى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىم ۋاتىكانىنى يادرو قىلغان ئىتالىيە دۆلىتى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1846 - يىلى ئۆزىنى ئەركىنلىك تەرەپدارى دەپ كۆز - كۆز قىلغان پىئۇس Ⅸ پاپالىققا سايلىنىپ، مەزكۇر پارتىيە ئۇنى ھەرىكەت تۇغى دەپ قارىغان. كاتولىك راھىبلىرى، لىبېرال ئاقسۆڭەكلەر، بۇرژۇئازىيە ۋە بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1848 - يىلدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىدا پىئۇس Ⅸ ئەكسىيەتچىل لاگېرغا ئاشكارا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ پارتىيىنىڭ تەسىرى بارا - بارا يوقالغان.