Uyghur←Chinese主要词典
يىگىرمە ماددىلىق سىياسىي پروگرامما
领域: دۇنيا تارىخى甘条政纲
gān tiáo zhèng gāng
كىم ئېرسىن 1946 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ئۈزۈل - كېسىل قارشى بولغان دېموكراتىك ئىنقىلاب پروگراممىسى. 1946 - يىلى 2 - ئايدا شىمالىي چاۋشيەن ۋاقىتلىق خەلق كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كىم ئېرسىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جەمئىي 20 ماددا، ئاساسىي مەزمونى: سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قالدۇقلىرىنى ۋە فېئوداللىق كونا ئادەتلەرنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاپ، خەلقنىڭ دېموكراتىيە ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ دېموكراتىك سايلامنى يولغا قويۇپ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى كۈچەيتىش؛ يەر ئىسلاھاتى ۋە مۇھىم سانائەت تارماقلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش؛ ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي خەلق مائارىپىنى يولغا قويۇش، دۆلەت ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە باشقىلار. بۇ پروگرامما ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئون چوڭ پروگراممىسىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن چاۋشيەن خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىكى، بىرلىكى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى شانلىق بايرىقىدۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。