Uyghur主要词典
يېغىرىغا تەگمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يول بىلەن بىراۋنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، ئۇنى خاپا قىلماق.
ئۇۋىسىدىكى بۆرىنى تېرىكتۈرمە. جېنىمغا تەگكەن _ دۈشمىنىم. ئۇنىڭ جېنىنى چىقارمىساڭچۇ. چىشىغا تەگسەڭ، چۈمۈلىمۇ چاقار. كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ جىلە قىلىش ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ يىغىرىغا تېگىپ نېمە قىلىسەن، بولدى قىل. كىشىنىڭ يېغىرىنى ئاچقان كىشى ئۆز يېغىرىنى ياپالماس. قانداق، تىتاڭ تومۇرلىرىغا تەگدىمۇ؟ تېلىغا تەگكىنىڭ يامان بوپتۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
زىتىغا تەگمەك، ئەيىب - نۇقسانلىرىنى، خۇدۈكلىنىدىغان ئاجىز يېرىنى ئاچماق، چىشىغا تەگمەك: ئۇنىڭ ئاخىرقى شېئىرى ئۇلارنىڭ يېغىرىغا تەگكەنىدى. ئۇلار ئاشكارا گەپ قىلالماي، ئۆز ئىچىدە غۇدۇراشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زىتىغا تەگمەك، ئەيىب - نۇقسانلىرىنى، خۇدۇكلىنىدىغان ئاجىز يېرىنى ئاچماق، چىشىغا تەگمەك.