Uyghur主要词典
يەشمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
باغلىماق، تۈگمەك، چىگمەك، تاڭماق
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى بىرەر نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش.
ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى تېپىلىدۇ. ماجىرانى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تەربىيە. يەشكىلى بولمايدىغان تۈگۈن يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كىيىم - كېچەكنى ئۆز جايىدىن ئالماق (باش كىيىمگە دېيىلمەيدۇ). چاپاننى يەشمەك، ئۆتۈكنى يەشمەك
كىيمەك
كىيىم - كېچەكنى ئۆز جايىغا ياپماق. تۇماق كىيمەك، چاپان كىيمەك، ئۆتۈك كىيمەك
مېھمانغا بارغىنىڭىزدا يۇيۇنۇپ - تارىنىپ پاكىز ۋە چىرايلىق كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ بېرىڭ. قورچاقنىڭ كىيگىنى ئېسىل بولغىنى بىلەن ئۇنىڭدا ھېس يوق. ئىنسان ئۈچۈن تاج كىيمەك شەرت ئەمەس، نومۇس ۋە ۋىجدان ئىگىسى بولۇش شەرت. ئۆيگە كىرگەندە كالاچ، ئاياغلىرىڭىزنى يېشىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ. تەرلىگەن بولسىڭىز، چاپىنىڭىزنى يەشمەي تۇرۇڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تېڭىقنى، چىگىلگەن چىگىشنى، بوغۇلغان يەرنى بوشاتماق، تۈگۈچنى چۇۋۇماق، باغلاقنى بوشاتماق.
قولنى يەشمەك. ئارغامچىنى يەشمەك.
سالماق، سېلىپ تاشلىماق (كىيىم - كېچەك ھەققىدە).
كىيىمنى يەشمەك.
بىرەر ئىشنى، مەسىلىنى، ۋەقەنى چۈشەندۈرمەك، بىلدۈرمەك، ئىسپاتلىماق، ئۇقتۇرماق.
ئۇ ماڭا يەنە ناۋايى، شىرازى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ يېشىپ بېرەتتى.
بىرەر ئىش، مەسىلە ياكى ۋەقەنى ھەل قىلماق، ئېنىقلىماق، ئايدىڭلاشتۇرماق، ئاشكارىلىماق، ئاچماق.
- تەقسىر، مالال كۆرمەي، سىلى مېنىڭ ئورنۇمغا كېلىپ تۇرسىلا، مەن سىلىنىڭ ئورۇنلىرىغا ئۆتۈپ، بۇ قىيىن مەسىلىنى يېشەي، - دەپ تەلەپ قىلىپتۇ موللام.