Uyghur主要词典
يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىكى روسىيە نارودنىكلار تەشكىلاتى. 1876 - يىلى كۈزدە پېتېربۇرگدا قۇرۇلغان. ئەسلى <شىمالىي ئىنقىلابىي نارودنىكلار جەمئىيىتى> دەپ ئاتىلاتتى. تەخمىنەن 50 ئەزاسى بار ئىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىرى پلېخانوۋ، مىخايلوۋ (1855 - 1884) ۋە م. ناتانسون (1850 - 1919) قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار يەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىپ، كەنت كوپىراتىپلىرى پۈتۈنلەي ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. دېھقانلارنى مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلىشقا قوزغىغان. ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يېزىلىرىدا بازا قۇرۇپ، تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. يىراق كەنت كوپىراتىپلىرىنى خاتا ھالدا سوتسىيالىزمنىڭ تۈۋرۈكى دەپ قارىغان ھەمدە تېررورلۇق ھەرىكەتكەن بارغانسېرى بېرىلىپ كەتكەن. 1879 - يىلى سىياسىي كۈرەش، شەخسنىڭ تېررورلۇق رولى ۋە <خەلق ئارىسىغا بېرىش> مەسىلىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكتىن، خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى بىلەن يەرلەرنى قايتىدىن بۆلۈش پارتىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。