Uyghur主要词典
يەر توزغىقى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ قويۇق ئورمانلىرىدا زەمبۇرۇغ خىلىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك − يەر توزغىقى ئۆسىدۇ. ئۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، خالتىلىق سپورا تېنى شار شەكلىگە يېقىنراق، دىئامېتىرى20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى5 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. تولۇق پىشقان چوڭ يەر توزغىقىنىڭ ئىچكى توقۇلمىلىرى پارچىلىنىپ كېتىپ، پۈتۈن تېنى قۇرۇپ كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك خالتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىچىگە قارا رەڭلىك پاراشوك سپورىلار تولۇپ كېتىدۇ. دەسسىلىپ يېرىلىپ كەتسە، پاراشوك سپورىلار خۇددى ئىس - تۈتەكلەردەك پۈركۈلۈپ چىقىپ ئادەمنىڭ كۆز - بۇرۇنلىرىنى ئېچىشتۇرۇۋېتىدۇ. يەرلىك ئىندىئانلار بۇرۇن يەر توزغىقىنى »كۆزدىن ياش ئاققۇزغۇچى بومبا« ئورنىدا ئىشلىتىپ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارغا قارشى زەربە بەرگەن.
يەر توزغىقى يۇمران ۋاقتىدا، ئىچى - تېشى ئاق رەڭلىك، ئىچكى قىسمى گۆشلۈك، سەل يېپىشقاق بولۇپ، كۆكتات ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ.
يەر توزغىقى تەختلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، يەر توزغىقى ئائىلىسىگە تەۋە. تروپىك ۋە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدىمۇ يەر توزغىقى ئۆسىدۇ. قۇرۇغان خالتىلىق سپورا تېنىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق، ئۆپكىنى تازىلاش، كېكىردەككە مەنپەئەت قىلىش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، قان توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى يەر توزغىقى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى شارسىمان ياكى يۇمىلاق بولىدۇ، دىئامېتىرى 15 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، تۈۋى قىسمى پوقاق ھاسىل قىلمايدۇ. يۇمران مەزگىلدە سىرتى ئاق، ئىچى گۆشلۈك، ئازراق يېپىشقاق بولىدۇ. ئورىغۇچى ياپرىقى ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن يوقىلىپ كېتىدۇ، پەقەت بىر كاللەك سپورا تېنى ساقلىنىپ قالىدۇ. سپورا تېنىنى تۈزگۈچى تەركىبلەر پىشقاندىن كېيىن يېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن تېنى بويىچە قۇرۇپ ئاقۇچ قوڭۇر رەڭلىك توزغاق خالتىسىغا ئايلىنىدۇ. يەر توزغىقى جۇڭگونىڭ ئەنخۇي، جياڭسۇ، خۇبېي، خۇنەن، گۇيجۇ، جياڭشى، خېبىي، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇق خالتىلىق سپورا تېنى دورىغا قوشۇلىدۇ، تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق. ئۇنىڭ ئىششىقنى ياندۇرۇش، قان توختىتىش، ئۆپكىنى تازىلاش، بەلغەمنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ئۈنۈمى بار. ئۇ ئاساسەن بوغۇز ياللۇغى، ئاۋازى پۈتۈن قېلىش، بۇرنى قاناش، ئاشقازان ۋە قىزىلئۆڭگەچ قاناش، سىرتقى جاراھەتلەر قاناش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىنەپشە يەر توزغىقى (C.gigantea) كىچىك يەر توزغىقى (Lycoperdon pusillum) قاتارلىقلارمۇ جۇڭگوچە دورىگەرلىكتە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يەر توزغىقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار يۇمران مەزگىلدە ئىستېمال قىلىنىدۇ، قېرىغاندا دورىغا قوشۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يەر + توزغاق + ى
ئىسىم
بوتانىكا
يەر توزغىقى «يەر + توزغاق + ى»