Uyghur主要词典
يەر شەكلى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
يەر شەكلىدىن پايدىلىنىش ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ مـۇھىـم شـەرتى. «سۇ بويىدا» دا لياڭشەن باتۇرلىرىنىڭ «جۇ جەمەتى جاڭزىسىغا ئۈچ قېـتـىـم تەگكەنلىكى» توغرىسىدىكى ھېكايە بار. ئالدىنقى ئىككى قېتىمـلـىـقـتـا سـۇڭ جياڭ جۇ جەمەتى جاڭزىسىنىڭ يەر شەكلىنى بىـلـەلـمـەي، تـۇيـۇق يـولـغا كىرىپ قېلىپ، ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولغان، كـېـيـىـن ئادەم ئەۋەتـىـپ جـۇ جەمەتى جاڭزىسىنىڭ يەر شەكلى ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيـىـن، ئۈچىـنـچى قېتىمدا بۇ جاينى ئالغان.
يەر شەكلى يەر قىياپىتى ۋە يەر ئۈستى جىسىملىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىلـنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر قىياپىتى دېگىنىمىز يەر يۈزىـنـىـڭ ئويـمـان - دۆڭـلـۈكـى، مەسىلەن، ئېگىز تاغ، تۈزلەڭلىك، ئېدىرلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىـدۇ؛ يـەر ئۈستى جىسىملىرى دېگىنىمىز يەر ئۈستىدىكى جىسىملار، مەسىـلەن، دەريـا - ئېقىن، كۆل، ئورمـان ۋە يـول، ئۆي - ئىـمـارەت، كـۆۋرۈك قـاتـارلـىـقلارنـى كۆرسىتىدۇ.
يەر شەكلى ھەربىي قوشۇننىڭ كۈرىشىگـە كـۆپ تـەرەپـلـىـمـىـلـىـك تـەسـىـر كۆرسىتىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلار، يوللىرى كەڭ، قاتنىشى قۇلاي بولـغاچـقـا، ماشىنىلاشقان قىسىملارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوڭاي بولۇپ، چوڭ قىـسـىـمـنـىـڭ جەڭ قىلىشىغا پايدىلىق، بىراق، ئاتوم بومبـىــنـىـڭ ھۇجۇمىـغـا ئۇچرىغاندا تالاپەتكە ئۇچراش دائىرىسـىـمـۇ چـوڭ بـولـىـدۇ. ئېـدىـرلـىـقلار قىسىمنىڭ جانلىق يىغىلىشى، تارقىلىپ يوشۇرۇنۇشىغا پايـدىـلـىـق بـولۇپ، كۆزىتىپ ئوققا تۇتۇش ۋە تاللاشقا، تانكىنىڭ ھۇجۇمىغا قۇلايلىـق، ھۇجـۇم ۋە مۇداپىئە ئۈچۈنمۇ پايدىلىقراق. تـاغـلـىـق رايـونلار خـەتـەرلـىـك ئېغىزلارنى توسۇش، يوشۇرۇنۇپ ھەرىكەت قىلىش، ئايلىـنـىـپ قـورشـاۋغـا ئېلىش، ئارىسىغا كىرىپ پارچىلاش ۋە بۆكتۈرمە قويۇشقا قۇلايلىق بولغاچقـا، يېقىن ئارىلىقتا جەڭ قىلىش، كېچىدە جەڭ قىلىش، مۇستەقىل جەڭ قىلىشقـا پايدىلىق، پارتىزانلىق جېڭىنى قانـات يـايـدۇرۇش ۋە ئارقـا سـەپ بـازىـسـى قۇرۇشقا پايدىلىق. ئاھالىلەر رايونى يېقىن ئارىلىقتا جەڭ قىلىـش، كـېـچـىـدە جەڭ قىلىش ۋە شۆبە ئەترەتلەر جەڭ پائالىيىتىگە قۇلايلىق، بىراق، ئاھالىلەر رايونىدا كۆزىتىش، قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە جانلىق بـولـۇش بىئەپ بولغاچقـا، ھاۋا ئارمىـيـىـسـى قـىـسـىـمـلـىـرى، يـادرو ياراغلىرى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە خىمىيىۋى ياراغلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدۇ.
قەدىمدىن ھازىرغىچە، يېقىنـقـى زامـان ئۇرۇشىـدىـن ھازىـرقـى زامـان ئۇرۇشىغىچە يەر شەكلى ئەسكىـرىـي ئىـشلاردىـكـى مـۇھىـم ئامـىـل بـولـۇپ كەلدى، يەر شەكلىنى توغرا تەھلىل قىلىپ زىياندىن ساقلانغانـدىلا، جـەڭـدە غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ.