Uyghur←Chinese主要词典
يەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
二圃制
èr pǔ zhì
تېرىلغۇ يەرنى رايونغا ئايرىپ ئالماشتۇرۇپ تېرىش تۈزۈمىنىڭ بىر خىلى. ياۋروپادا قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كەڭ يولغا قويۇلغان. يەرنىڭ كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن ئادەتتە تېرىلغۇ يەر ئىككى قىسىغا ئايرىلىپ، بىر قىمسى تېرىلىپ، يەنە بىر قىسمى (جامائەت چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىنىپ) ئاق قالدۇرۇلغان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تېرىلغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن، مىلادى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ بارا - بارا بۇنىڭ ئورنىغا ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بەزى رايونلاردا كىلىمات، تۇپراق جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى بىلەن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى تەڭ ساقلىنىپ كەلگەن