Uyghur主要词典
يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلەر توپلىمى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تىببىي كىتاب. 1443 - يىلى (شىزۇڭ 25 - يىلى) يۈشياۋتۇڭ، لوجۇڭلى، پياۋ يوندې قاتارلىقلار تاڭ، سۇڭ، يۈەن، ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تىببىي كىتابلارنى كورىيە ۋە لى سۇلالىسىدىكى تىببىي كىتابلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىققان. بۇ كىتاب جەمئىي 85 توم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى <يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى> دېگەن 10 تومىدا يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى (چاۋشيەندە چىقىدىغان دورا ئۆسۈملۈكلىرى) بىلەن ھەر خىل كېسەللەرنى داۋالاش بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب چاۋشيەننىڭ ئىنتايىن يۇقىرى باھاغا ئىگە بولغان تىببىي كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.