Uyghur主要词典
يەرگە قارىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خىجىللىققا، تەڭلىكتە قالغانغا ئىشارە.
قادىر تىرنىقىنى تاتىلاپ جىم بولۇپ قالدى. ھۇشۇر ئىمام ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك كىگىز تاتىلاپ جىم ئولتۇراتتى. بۈگۈن نېمىلا بولمىسۇن، بېشىڭ چۈشتى، يەرگە قارىدىڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئار - نومۇسىنى بىلمەك، ئىزا - ئۇياتقا كۆڭۈل بۆلمەك.
<تۇتىقماق> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
نومۇسىنى بىلگەن نومۇس قىلىشنى بىلەر. نومۇس قىلمىغان ئادەم ئۈچۈن ئۇياتچاننىڭ يۈزى قىزىرىدۇ. ئىزا تارتىش قورقۇنچتىن ياكى سەتچىلىكتىن قورقۇش كەيپىياتىدۇر. ئۇيىلىشنى بىلگەن باتۇر. كىشىدىن ئۇيالغۇچە ئۆزۈڭدىن ئۇيال. ھايا قىلماق ئىماننىڭ جۈمىلىسىدىندۇر. ئاچچىقى كەلگەننىڭ كۆزى قىزىرار، ئاچچىقى بېسىلسا، يۈزى قىزىرار. ئوغىر تۇتۇلسا، يەرگە قارايدۇ، جالاپ تۇتۇلسا كۆككە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر خاتالىق، سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن خىجىل بولماق، تەڭلىكتە قالماق، ئىزا تارتماق.
قىشتىن بېرى ئەسكىلىك قىلىپ، باھار ئايلىرىدا بىر نەچچە قېتىملاپ يۇرت ئالدىدا يەرگە قارىغان ۋە ھازىرقىدەك كۆزىگە ياش ئالغان بۇ ئادەمگە ئەكبەرنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل ھېسداشلىق پەيدا بولدى.