Uyghur主要词典
يەر چىتلاش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق كۈچ بىلەن كەڭ كۆلەمدە تارتىۋېلىشنىڭ بىر خىل شەكلى. ئەنگلىيىدە تىپىك بولغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيىدە، يۇڭ توقۇمىچىلىقنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا، قوي يۇڭىنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، قويچىلىق ئىنتايىن نەپ بېرىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاقسۆڭەكلەر يېزا جامائەتلىرىنىڭ جامائە يەرلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە دائىرىلەپ چارۋىچلىق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىش ھەققى تۆۋەن ئاز ساندىكى ئىشچىلارنى ياللاپ قوي باقتۇرغان. نەتىجىدە، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، تىرىكچىلىك قىلالماي، سەرگەردانغا ئايلىنىپ قالغان. توماس مورې <ئۇتوپىيە> دېگەن كىتابىدا بۇ ئەھۋالنى <قوينىڭ ئادەم يېيىشى> گە تەقلىد قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئەنگلىيە دىن ئىسلاھاتىدا، موناستىر يەر مۈلكىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يەر دائىرىلەش ھەرىكىتى يېڭى تەرەققىياتقا ئىگە بولغان. لېكىن، دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ باج مەنبەسى ۋە ئەسكەر مەنبەسىگە تەسىر ۇيەتكەن، شۇنداقلا بۇ جەمئىيەتتىكى تىنچسىزلىقنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇدور خاندانلىقى قايتا - قايتا پەرمان (<يەر دائىرىلەشقە قارشى نىزام>) ئېلان قىلىپ، يەر دائىرىلەشنى چەكلىگەن. لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى چوڭ بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، تۇدور خاندانلىقى بىر قاتار <قانلىق قانۇن> لارنى جاكارلاپ، سەرگەردانلارغا دەھشەتلىك تۈردە زىيانكەشلىك قىلىپ، 1549 - يىلىدىكى كېت قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارلامېنت 18 - ئەسىردە يەر دائىرىلەشكە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى نۇرغۇن قانۇنلارنى ماقۇللاپ، يەر چىتلاش ھەرىكىتىنى قانۇنىيلاشتۇرغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئەنگلىيىدە دېھقانلار سىنىپ تەرىقىسىدە مەۋجۇت بولماي قالغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يەر دائىرىلەش ھەرىكىتى شوتلاندىيە ۋە ئىرلاندىيىگىچە كېڭەيگەن. يەر دائىرىلەش ھەرىكىتى كاپىتالىستىك خاراكتېردىكى يەر مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشى، كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن.